تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ خۇارۇڭ، ئىختىيارى مۇخبىر جاڭ چۈەنجىن): 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاقسۇ شەھەرلىك 1-نۆۋەتلىك مەكتەپلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە باشلاندى. ھەرقايسى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن 46 ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىدە جاسارەت بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ.
شۇ كۈنى سائەت 16دە، 3000دىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار، رېپىر ۋە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى رەتلىك سەپ تۈزۈپ ئېچىلىش مۇراسىمىگە قاتناشتى. پۇشتەك ئاۋازىنىڭ چېلىنىشىغا ئەگىشىپ، 5-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا يىللىقلار بويىچە گۇرۇپپا مۇسابىقىسى باشلاندى، بۇ ئاقسۇ شەھىرىدە 1-نۆۋەتلىك مەكتەپلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ رەسمى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. پۇتبولچىلارنىڭ مەيداندا توپ ئېلىپ مېڭىش، ماھىرلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ۋاراتاغا توپ ئۇرۇش تېخنىكىلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇسابىقىگە ھەممەيلەننىڭ ئەڭ يۇقىرى كەيپىياتى بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
مەيدان سىرتىدا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىمران تۇرغۇن مۇسابىقىگە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىل 9 ياشقا كىردىم، مەكتەپكە كىرىپلا مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا قوشۇلدۇم، پۇتبول تېپىش ماڭا خوشاللىق ۋە ھاياتى كۈچ ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، يەنە ماڭا ئىتتىپاقلىق-كۈچ دېگەن قائىدىنى ھېس قىلدۇردى، مەن بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇسابىقە باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنكەن. مۇسابىقە مۇددىتى بىر يېرىم ئاي بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرى مۇسابىقىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ھەمدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كوماندىلار مۇكاپاتلىنىدىكەن.