ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەلا سۈپەتلىك مەيدان مۇھىتىدىن بەھىرلەندۈرۈش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى خۇڭسەن تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن 4-ئايدىن باشلاپ تەنتەربىيە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانلىرىنى ۋاقىت، مەيدانلارغا بۆلۈپ ھەقسىز ئېچىۋېتىدىكەن.
مۇلازىمەت جەھەتتە، تەنتەربىيە يېتەكچىسى سەپلىنىپ، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى سائەت 12:00-10:00، 18:00-16:00، 22:00-20:00گىچە چېنىققىلى كەلگەن ئاممىغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، كەڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرىغا تېلېفوندا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى تەمىنلىنىپ، تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە خۇشال بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، مەيدان، سارايلارنىڭ ئىقتىدارى يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر بار مەيدان، سارايلارنىڭ ئىقتىدار ئالاھىدىلىكى شۇنداقلا ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىلانلىق، نۇقتىلىق ھالدا يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. تەنتەربىيە سارىيىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى ئايلانما كارىدورغا تىكتاك توپ ئۈستىلىدىن ئىككىسى سەپلەنگەن.
تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ھەقسىز ئېچىۋېتىلىش رايونىدىكى ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ كونكرېت ۋاقىت ۋە رايون ئايرىلىشى
1.تەيجى گۇمپىسى تەنتەربىيە سارىيى 3-قەۋەت ئايلانما كارىدورنىڭ شىمالىي رايونى، ۋاقتى 14:00-9:00، 22:00-15:00
2.شاھمات تۈرىدىكى تەنتەربىيە سارىيى 3-قەۋەت ئايلانما كارىدورنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونى، ۋاقتى 14:00-9:00، 22:00-15:00
3.تىكتاك توپ تەنتەربىيە سارىيى 3-قەۋەت غەربىي ئايلانما كارىدورنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونى، ۋاقتى 14:00-9:00، 22:00-15:00