تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شايار ناھىيەسى: مۇتەخەسسىسلەر «تەجرىبە يەتكۈزۈپ» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى

  «ئىلگىرى كالىلىرىمىز ئاغرىپ قالسا، كەنتتىكى چارۋا - قۇش يۇقۇم مۇداپىئە خادىمىنى تەكلىپ قىلاتتۇق، ھازىر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كالا بەزى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسا، ئۆزىمىزلا ساقايتالايدىغان بولدۇق. » دېدى كۇرۇسقا قاتناشقان شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى بوز كەنتىنىڭ ئاھالىسى قادىر راخمان.

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىر قېتىملىق چارۋا-قۇش يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تېخنىكىسى دەرىسى شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى بوز كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مەركىزىدە جانلىق ھالدا ئۆتۈلۈپ، 120 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن كۆپچىلىككە « چارۋا، ئۆي قۇشلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكنىڭ سەۋەبلىرى، كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى، قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە قانداق داۋالاش» قاتارلىق مەزمۇننى سۆزلەپ بەردى. بۇ قېتىملىق كۇرۇستا سىنىپتا دەرس ئۆتۈش، ئۆز-ئارا جاۋاب بېرىش ۋە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ باقمىچىلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تېز ئىگىللىشىگە ياردەم بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ زىيانسىز، ساغلام باقمىچىلىق قىلىشى تولۇق نەزەرىيەۋى تەييارلىق بىلەن تەمىنلەندى.

  «بىزنىڭ بۇ قېتىمقى كۇرۇسنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز كەنت ئاھالىلىرىگە بىر ماھارەتنى ئىگەللىتىپ، ئائىلە چارۋا، قۇش باقمىچىلىقىنى ئىلمىيلاشتۇرۇپ، باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش.» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لىيۇ ئەن.( ئاقسۇ ۋىلايىتى « ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش » بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن دېڭ لياڭ، دۇەن ۋېيچاڭ تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى