تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى قارايا كەنتى: قىز-ئاياللار ئىشىكى ئالدىدىلا ئىگىلىك تىكلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

  «گۈلى، مەن 60 يۈەنلىك تورت زاكاس قىلىمەن، سەل تۇرۇپ ئالغىلى بارىمەن.»، «گۈلى ماڭا يېرىم كىلو كەسكەن ئاش بېرىڭ»، «ھەدە، ماڭا ئىككى يۈەنلىك ساچىما بېرىڭ...»

  3-ئاينىڭ 6-كۈنى قارايا تورت دۇكىنىنىڭ خوجايىنى رىزۋانگۈل ئېلى بىر تەرەپتىن خېرىدارلارنى قىزغىن كۈتكەچ يەنە بىر تەرەپتىن پىشۇرۇق ئۆيىدىكى خىزمەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. دۇكان ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ لېكىن رەتلىك ئىدى، رىزۋانگۈل بىلەن دۇكاندىكى خىزمەتچىلەر ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، چىرايىدىكى تەبەسسۇم جىلۋىسىنى يوشۇرالمىغانىدى، چۈنكى دۇكاننىڭ سودىسى كۈندە دېگۈدەك مۇشۇنداق قايناق ئىدى.

  شىنجاڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى قارايا كەنتىدىكى قىز-ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسىدا، رىزۋانگۈلدەك ئىگىلىك تىكلىگەن قىز-ئاياللاردىن 67سى بار.

  «تورت دۇكىنى ئاچقاندىن بۇيان تۇرمۇشۇم كۈندىن-كۈنگە ياخشى بوپ كەتتى» دېدى، بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن رىزۋانگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ، «بۇ «بال»دەك كەسپ بىلەن ھەر ئايدا ئاز دېگەندىمۇ 3000 يۈەن كىرىم قىلىمەن.

  بىر يىل ئىلگىرى رىزۋانگۈلنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. ئۇ توي قىلىشتىن بۇرۇن قەشقەر شەھىرىدىكى بىر تورت دۇكىنىدا تورت ياساشنى ئۆگەنگەنىدى، ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن ئۆيدە بالىلار ۋە چوڭلارغا قاراشقا مەجبۇر بولغانىدى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، رىزۋانگۈل كەنت كوللېكتىپىدىن بىر دۇكاننى تۆۋەن باھادا ئىجارە ئېلىپ تورت دۇكىنى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزىنىڭ تىرىشچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ «نامراتلىق قالپىقى»نى ئېلىپ تاشلىغان رىزۋانگۈلنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

  قارايا كەنتى ناھىيەدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ مەركىزىدە، ئەتراپىدا ئالتە كەنت بار، 213-ئۆلكە تاشيولى كەنتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ كەنت يەنە يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ بىر نەچچە كەنتى بىلەن يېقىن، رايون ئەۋزەللىكى ئالاھىدە.

  «رىزۋانگۈل ئىشىكى ئالدىدىلا ئىگىلىك تىكلىدى، بىز نېمىشقا كەنتىمىزنىڭ رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يول بويىدىكى بىكار ئۆيلەرنى دۇكانغا ئۆزگەرتىپ، كەنتتىكى تېخنىكىسى بار ئاياللارنى ئىگىلىك تىكلەشكە سەپەرۋەر قىلمايمىز؟» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قارايا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجى قەيسەر مەمەتنىڭ بۇ ئويى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە كەنت «ئىككى كومېتىت»ىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، كەنتتىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، يول بويىدا ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ دۇكان سالدى، تامنى بىر تۇتاش سىرلاپ، ۋېۋىسكا ياساپ، رەڭلىك چىراقلارنى ئورناتتى، ھەم كوچىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلىلەرگىچە كىرىپ تەشۋىقات قىلىپ، كەنتتىكى قىز-ئاياللارنى ئۆيىدىن چىقىپ ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

  قەيسەر ئۆزىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بۇزۆھرە ئابدۇراخماننى ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىشقا رىغبەتلەندۈردى، ھەمدە ئۆزى ئەڭ ئۇستا سوزىميەن ئېتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويدى... ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆگەنگەندىن كېيىن بۇزۆھرەمۇ مەززىلىك سوزىميەن ئېتەلەيدىغان بولدى.

  «ھازىر سوزىميەننى بەك ئوخشىتىپ ئېتىدىغان بولۇپ كېتىپسىز، ناۋادا دۇكان ئاچسىڭىز سودىڭىز چوقۇم ياخشى بولىدۇ.» قەيسەرنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن بۇزۆھرە «قارايا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاشخانىسى»نى ئاچتى.

  بۇزۆھرە مۇنداق دېدى: ھازىر خېرىدار ئاز، بىر ئايدا 2000 يۈەن تاپالايمەن، يازدا ئادەم كۆپ ۋاقتتا بىر ئايدا ئاز دېگەندىمۇ 3000 يۈەن تاپىمەن.

  رىزۋانگۈل، بۇزۆھرەلەرنىڭ تىجارىتىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقىنىنى كۆرگەن كەنتتىكى ئاياللارمۇ بەس-بەستە ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى.

  قارايا مۇزىكىلىق تاماقخانىسى ئاچقان تۇرسۇنگۈل ئابدۇراخمان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىلا ئىگىلىك تىكلىدىم، پۇل تېپىپلا قالماي يەنە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن.

  ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە تىجارەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىتىش ئۈچۈن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە ئۇلارنى تەشكىللەپ قەشقەر شەھىرى كەچلىك بازىرى، سودا كوچىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى؛ تېخنىكا دەرسخانىسى ئارقىلىق تىجارەتچىلەر كۇرسى ئېچىپ، ئۇلارنى سودا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى؛ يەنە ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق تەپەككۇر ۋە ئۇسۇلدا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگىلىرىنى باھالىدى... ئايال ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پەردازخانا، بەش خىل مېتال دۇكىنى، كىيىم-كىچەك دۇكىنى، ئاممىۋى مۇنچا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسىدا بەرپا قىلىنىپ، كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى ئائىلىسىدىن چىقىپ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشقا جەلپ قىلماقتا.

ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى