تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چېنىقىش ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىيولوگىيەلىك سائەتكە تەسىر كۆرسىتىدىكەن

    ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، چېنىقىش ۋاقتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن، بىيولوگىيەلىك سائەتنى ئالدىغا ياكى كەينىگە سۈرۈش مۇمكىن ئىكەن.
    كالىفورنىيە داشۆسى سان دىيېگو تارماق مەكتىپى بىلەن ئارىزونا ئىشتاتى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئالدى بىلەن 101 تەنتەربىيە ھەۋەسكارىنىڭ كىچىك تەرىتىدىكى مېلاتونىننىڭ سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەربىر كىشىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىنىڭ ئاساسىي سىزىقىنى جەزىملەشتۈرگەن؛ ئارقىدىن بىر كۈندىكى 24 سائەتنى سەككىز ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈپ، تەتقىقات ئوبيېكتلىرىغا بىر ۋاقىت بۆلىكىنى تاللاتقۇزۇپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقىت بۆلىكىدە يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا نورمال تېزلىكتە مېڭىش ياكى بىر سائەت يۈگۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقانلارنىڭ كىچىك تەرىتىدىكى مېلاتونىننىڭ سەۋىيەسىنى قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەندىزىسىنىڭ چېنىقىش ۋاقتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان. سەھەر سائەت 7 ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 4~1 كىچە بولغان ئارىلىقتا چېنىققانلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى ئالدىغا سۈرۈلگەن. كەچ سائەت 10~7 غىچە بولغان ئارىلىقتا چېنىققانلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى ئارقىغا سۈرۈلگەن؛ سەھەر سائەت 4~1 كىچە ياكى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا چېنىققانلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن. بۇ، چېنىقىش ۋاقتىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا تۇنجى قېتىم دىققەت قىلىنغان تەتقىقاتتۇر.
    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقاتتا چېنىقىش ۋاقتىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىگە بولغان تەسىرىنىڭ ياش ياكى جىنس بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەمما، تەتقىقات ئوبيېكىتلىرى باشقا ئادەملەرگە قارىغاندا كۆپرەك چېنىقىدىغانلىقى سەۋەبلىك تەتقىقات نەتىجىسى باشقا كىشىلەرگە ماس كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.


خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى