تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] «مېنىڭ تۇغقىنىم دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم»

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «ليۇ جۈەن سىڭلىم، مەن بىر شېئىر يازغان، سىزگە ئوقۇپ بېرەي دېگەنىدىم.»

  «ئەجەپ ياخشى! مېنىڭ ئاڭلىغۇم بار!»

  «مېنىڭ تۇغقىنىم دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم، ئۇنى ئەڭ سېغىنغىنىمدا قانىتىم بولسا، ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنى سۆيگۈم كېلىدۇ؛ مېنىڭ تۇغقىنىم دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم، بېشىمغا گۈل تاقىغان ۋاقتىم ئەڭ خۇشال ۋاقتىم، بۇ ۋاقىتتا ئۇنى ئەڭ سېغىنىمەن...»

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسىنىڭ قاقشال كەنتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسى ھويلىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ قوشماقلاشقان كادىرى ليۇ جۈەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى تۇنىساخان ئابدۇۋايىت بىلەن ھويلىدىكى سۇپىدا ئولتۇرغان ئىدى. تۇنىساخان شېئىرنى ھېسسىياتلىق قىلىپ ئوقۇدى، ليۇ جۈەن تىنچ ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، چىرايىدىن بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلەنگەن ئىدى.

  ليۇ جۈەن بىلەن تۇنىساخان 2017-يىلى ليۇ جۈەننىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق مەزگىلىدە ئۆزلۈكىدىن تۇغقانلاشقان بولۇپ، تۇنىساخان يەنە ليۇ جۈەنگە ئارزۇگۈل دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغان ئىدى. بۇ ئاچا-سىڭىللىق «مۇھەببەت تەقدىرى» ليۇ جۈەننىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەنلا تۈگىمىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

  55 ياشلىق تۇنىساخان كەنتتىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، ھەر قېتىم ليۇ جۈەن ئائىلە زىيارىتىگە كەلگەندە، تۇنىساخان ئىنتايىن قىزغىن بولاتتى، تۇنىساخاننىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، يۈرۈش-تۇرۇشى جايىدا، گەپ-سۆزى سىپايە ئىدى، بېرىش-كېلىش جەريانىدا ئىككىيلەن تېخىمۇ تونۇشتى.

  تۇنىساخاننىڭ كىچىك ئوغلى كەنت كومىتېتىنىڭ يېنىدىكى يەسلىدە ئوقۇيتتى، دائىم كىچىك ئوغلىنى ئالغىلى بارغاندا، ئۇ ئۆيىدىن ئالما، چىلان، ئۆزى ياققان نانلارنى ئېلىپ ليۇ جۈەنگە ئاپىرىپ بېرەتتى. ليۇ جۈەن تۇنىساخاننىڭ كىچىك ئوغلىغا يېمەكلىك، ئويۇنچۇق، تۇنىساخانغا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، كىيىم-كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى بېرەتتى.

ليۇ جۈەن (ئوڭدا) بىلەن تۇنىساخان ئابدۇۋايىت

  2017-يىلى 5-ئاينىڭ بىر كۈنى، ليۇ جۈەن ئائىلە زىيارىتى قىلىۋاتقاندا، تۇنىساخاننىڭ كۆڭلى يېرىم يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئەسلىدە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بوۋاي ئاغرىپ قالغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا 5000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن، لېكىن ئۇ بۇ پۇلنى چىقىرالماپتۇ.

  «قىيىنچىلىق بولسا مېنى ئىزدىمەمسىز!» ليۇ جۈەن بۇنى ئاڭلاپ يېزىغا بېرىپ 5000 يۈەن ئېلىپ، تۇنىساخانغا بەردى.

  پۇلنى قولىغا ئالغان تۇنىساخان ھاياجانلانغان ھالدا كۆزىگە ياش ئالدى، ئۇ ليۇ جۈەننى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «رەھمەت سىزگە، سىز مېنىڭ ئۆز سىڭلىم» دېدى.

  «ئەينى ۋاقىتتا <ئاچام> غا بۇ پۇلنى بەرگەندە، ئۇنىڭغا قايتۇرغۇزۇشنى ئويلىمىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن پەقەت تۆت ئاي ئۆتۈپلا <ئاچام> بۇ پۇلنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى» دېدى ليۇ جۈەن.

  ليۇ جۈەننىڭ باشقا كۈن چۈشكەندە قىلغان ياردىمىدىن تۇنىساخان قاتتىق مىننەتدار بولدى، تۇنىساخاننىڭ سەمىمىيلىكىمۇ ليۇ جۈەننى تەسىرلەندۈردى. «مەن بىر يېتىم، باققان ئاتا-ئاناممۇ بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، ليۇ جۈەن سىڭلىم ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇ خۇددىي ئۆز تۇغقىنىمدەكلا، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن» دېدى تۇنىساخان ھاياجانلىنىپ.

  ئىككىيلەننىڭ ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى: ھەر كۈنى، تۇنىساخان خىزمەت ئەترىتىگە ليۇ جۈەننى كۆرگىلى كېلىدۇ، ليۇ جۈەن بولسا ئەگەر تۇنىساخاننى كۆرمىسە، يەسلى بالىلىرى ئۆيىگە قايتىدىغاندا، دەرۋازا ئالدىدا تۇنىساخاننى ساقلايدۇ.

  تۇنىساخان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش ئۈچۈن، ليۇ جۈەنمۇ خېلى كۆپ ئەجىر قىلدى، ئۇ ئامال قىلىپ تۇنىساخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئەلىگە يېزىدىن بىر كىشىلىك خىزمەت تېپىپ بەردى. 3000 يۈەنلىك ئايلىق مائاش بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.

  بۇ يىل، تۇنىساخاننىڭ ئۆيىدە خۇشاللىنارلىق ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى: تۇنىساخان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازادە، يورۇق بولغان ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى؛ ئەلىمۇ قىز دوست تاپتى؛ 12 ياشلىق ئاماننىسا ليۇ جۈەننىڭ ياردىمىدە تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ نەنسەندە ئۇيۇشتۇرغان يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ليۇ جۈەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. يۈز كۆرۈشۈپ تۇرالمىسىمۇ، لېكىن تۇنىساخان ليۇ جۈەنگە ھەر كۈنى تېلېفون ئۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ تۇردى، ليۇ جۈەن بولسا ھەر قېتىم خوتەنگە قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى يوقلىغىلى بارغاندا، سوۋغات ئېلىپ، «ئاچا» سى تۇنىساخاننى يوقلاپ تۇردى.

  ھەر قېتىم ئايرىلىدىغان چاغدا، تۇنىساخاننىڭ ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايتتى، ئۇ چىلان، ياڭاق، نان قاتارلىقلارنى ليۇ جۈەنگە زورلاپ تۇتقۇزۇپ قوياتتى.

  «سىڭلىم، ھازىر ئائىلە شارائىتىم ياخشىلاندى، ئامانەت قويغان پۇلۇممۇ بار، قىيىنچىلىقىڭىز بولسا، ماڭا چوقۇم دەڭ.» ھەر قېتىم ليۇ جۈەن قايتىدىغان ۋاقىتتا، تۇنىساخان ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق دەيتتى، بۇ خىل سەمىمىيلىك ليۇ جۈەننى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

  «بىزنىڭ بۇ خىل تۇغقانلىق رىشتىمىز ئىزچىل داۋاملىشىدۇ، كۆڭلۈمدە يەنە بىر پىلانىم بار، ئاماننىسانى <تۇتۇق قىزىم> قىلىپ، داشۆدە ئوقۇتۇپ، ئۇنىڭغا شەھەردىن خىزمەت تېپىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى ليۇ جۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى