1. ياڭيۇ تېرىلغان ۋاقىتتا ئوغۇتلىنىدۇ، بۇ چاغدا كالتىسىي سۇپىر فوسفاتقا ئاز مىقداردا ئازوتلۇق ئوغۇت ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئۇرۇق ئوغۇتى قىلىنىدۇ. ئەمما، ئازوت، فوسفورلۇق ئوغۇتنى ياڭيۇنىڭ ئۇرۇقىغا بىۋاستە تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئوت-چۆپ كۈلىنى ئۇرۇققا ئارىلاشتۇرۇپ تېرىش ئۇسۇلى بار، ئوت-چۆپ كۈلى كېسەللىكلەردىن ساقلاش رولىنى ئوينىغاندىن باشقا، ئۇرۇق ئوغۇتى رولىنى ئۆتەيدۇ.
2. ئورگانىك ئوغۇت بېرىش ئاساس قىلىنىدۇ، ئادەتتە، ئۇنىڭ مىقدارى ھەر گېكتار يەرگە 22.5-45 توننا بېرىلىدۇ. ئوغۇتلاش ئۇسۇلى ئورگانىك ئوغۇتنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، ئۇرۇق تېرىغاندا ئاز مىقداردىكى (ھەر گېكتار يەرگە 15 توننا)ئەلا سۈپەتلىك ئورگانىك ئوغۇتنى چۆنەكلەپ ياكى قىرلاپ ئۈستىگە توپا ياپساق بولىدۇ. فوسفور، كالىيلىق ئوغۇتلار ئاساسىي ئوغۇت قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
(مەمەتئېلى ھەسەن تەرجىمىسى)