شىنخۇا تورى خەۋىرى: چاغاننىڭ 6-كۈنى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ قايتىش سەپىرىدىكى يولۇچىلار بېسىق مەزگىلى بولۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى 79 مىليون 300 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قاتناش ـ تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە قاتناش - تىرانسىپورت ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىشتا مەملىكىتىمىز تاشيوللىرىدا جەمئىي 338 مىليون يولۇچى(قېتىم) توشۇش مۆلچەرلەنگەن. دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ۋە ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرمىگەن، يولۇچىلار تۇرۇپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىن 20 كۈن بۇرۇن مەملىكىتىمىز بويىچە جەمئىي 1 مىليارد 395 مىليون يولۇچى (قېتىم) توشۇلۇپ، %0.79 ئاشقان. چاغان مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە يول تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاساسەن ياخشى بولغان. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك غول لىنىيە ھەمدە ھەرقايسى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرگە كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا قاتناشنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئاساسەن ياخشى بولغان.