ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن سېن خەۋىرى، فوتوسى. قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىنىڭ 11-مەھەللىسىدە ئۆي-ئۆيلەرگە پانۇسلار ئېسىلىپ، ئىشىكلەرگە چۈنليەنلەر چاپلىنىپ، قىزغىن بايرام كەيپىياتى ئەكس ئەتتى. 2-ئاينىڭ 1-كۈنى مايتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شىنىڭ يولى كوچىسىدىكى 11-مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە 11-مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ چاغان ئۆتكۈزۈش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرى، يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار بولۇپ، تەخمىنەن 100دىن ئارتۇق كىشى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى.
قاراماي شەھىرىدە چاغان كۈتۈۋېلىندى
مۇھەررىر :
مېھرىبان يالقۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/02/02 18:13
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.