تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشىمەن

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سا رۇل

    بىز باتۇرلۇق بىلەن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە جەڭ ئېلان قىلىپ، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق سادايىمىزنى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك سادايىمىزنى، رەزىللىكنى يوقىتىشتىكى ھەققانىيەت سادايىمىزنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

    باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. ئىدىيەدە، بىز قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك؛ تۇرمۇشتا، بىز ئائىلە ئەزالىرىنى تىرىشىپ ئەڭ گۈزەل ئائىلە بەرپا قىلىشقا، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى، مەدەنىي ئائىلە، پاك ئائىلە بەرپا قىلىشقا ئاكتىپ يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، تەشەببۇس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ئىلمىي تەربىيەلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئائىلە تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىيدىغان، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرقلەندۈرىدىغان، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلىشىمىز كېرەك.

    باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قوغدايمەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئۇنتۇماي، ھەر ۋاقىت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇرچۇمنى قەلبىمگە پۈكىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى زىممەمگە ئالىمەن، ۋەزىپەمنى چىڭ تۇتىمەن. ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمايدۇ، بىلىكىمىز ئوخشاشلا كۈچلۈك. بىز ئاياللار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئائىلىدىكى ئالاھىدە رولىمىزنى قەتئىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تىكلەپ، ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئائىلىدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بايرىقى روشەن، سىياسىيدا كۈچلۈك، ئېتىقادى مۇستەھكەم يېڭى دەۋر ئاياللىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

    باشتىن- ئاخىر ھەرىكەتتە قەتئىي، كەسكىن ھالدا قول سېلىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە، مەن باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە بەخت يارىتىشتىكى مول تۆھپىسى، بۈيۈك نەتىجىسىنى داغدۇغىلىق، چوڭقۇر، سىجىل تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، ياخشى ئائىلە ئىستىلىنىڭ ۋارىسى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ قۇرغۇچىسى، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئىجادچىسى بولۇشقا تەربىيەلەيمەن. بىز قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى ئېنىق سۆزلەپ، كەڭ ئاياللار ئاممىسىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، نادانلىقنى رەت قىلىپ، قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك؛ بىز شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ى تەشۋىق- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئەڭ زور چەكتە ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئاممىنى ئورتاق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك؛ بىز ھەققانىيەت شەمشىرى ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ساختا نىقابىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماي، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا ئۈزۈل- كېسىل غەرق قىلىشىمىز كېرەك.

    باشتىن- ئاخىر خىزمەتتە قەتئىي، كەسكىن ھالدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، گۈللەنگەن، راۋاجلانغان زور ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىماي، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سىڭدۈرمىچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار قانچىكى شۇنداق قىلغانسېرى، بىز تېخىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان، قەلبلەرنى مايىل قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز، مېھىر- مۇھەببىتىمىز ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلىشىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز ئارقىلىق ئاممىنى ئاسرىشىمىز كېرەك. بىز مائارىپ خىزمەتچىلىرى، زىيالىيلار، ياش ئوقۇغۇچىلارنى قەتئىي ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە خاتا گەپ- سۆزلەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا يېتەكلەپ، خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى، بىرى گۈللەنسە باشقىلارمۇ گۈللىنىدىغانلىقى، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا باشقىلارمۇ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس زىچ باغلىغاندىلا، ئاندىن ئىستىقبالى بولىدىغانلىقى، ئاندىن ئۈمىد بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

    بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كۈچلۈك ئاممىۋى خىزمەت ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن. شىنجاڭ ئاياللار- بالىلار تەرەققىيات پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، ئاياللار- بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ياخشى مۇھىت ھازىرلايمەن؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇرسەت بىلىپ، كەڭ يېزا ئاياللىرىنى ئىدىيەۋى تونۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش «ئىممۇنىتېت كۈچى»نى ئاشۇرۇشقا پائال يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى