تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ماركسىزملىق «بەش قاراش» بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ئازات ئۆمەر

  ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئاتتى، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى، لېكىن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىتلارنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئەسلىي زاتىنى ئۇنتۇپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىپ، ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى يۇرتى. دۆلىتىمىزنىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق جۇڭگو تارىخىنى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتقان. شىنجاڭ رايونى تارىختا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا ۋە ۋاسىتە بولغان، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان. ئىسلام مەدەنىيىتى شىنجاڭغا كىرىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ بىخلانغان، گۈللەنگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارايدىغان، خەنزۇ مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويىدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتىغا قويىدىغان قاراشلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا خىلاپ، خاتا. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرتى بولۇپ كەلدى.

  خاتا مەدەنىيەت قارىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىز «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى مەدەنىيەت جەھەتتە قارشىلىشىشقا قۇترىتىپ، ۋەتەننى پارچىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى مەقسىتىنى پاش قىلىشىمىز ۋە تەنقىد قىلىشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كۈرەشتە، پارتىيەلىك كادىرلار بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋار ھالەت، جەڭچىدەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ كىشىلەر قەلبىنى قايمۇقتۇرىدىغان، ئاممىنى بىخۇدلاشتۇرىدىغان بىمەنە سەپسەتىلىرىنى قەتئىي پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ قەتئىي كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىشى كېرەك. مەن ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى توغرا تونۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، روھقا سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرتىنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى قوغداشقا يېتەكلەيمەن.

  بىرلىك سەپ سېپىدىكى بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن- ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلام دىنى كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشقا ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا دائىر تەشۋىق- تەربىيەنى، ئاساسىي قانۇن، قانۇن- نىزاملار تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان، قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىدىغان، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى