تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىشلىق تەتىللىك يۈرەك سۆزلىرى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئاياغلاشتى. 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر ئاي داۋاملىشىدىغان قىشلىق تەتىلنى كۈتۈۋالىدۇ.

  ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كېيىن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ نېمە قىلغۇسى باردۇ؟ قىشلىق تەتىلدە قىلىشنى پىلانلىغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشى نېمىدۇ؟ چاغان يېتىپ كېلەي دېدى، ئۇلارنىڭ كىم بىلەن كۆرۈشكىسى باردۇ؟ مۇخبىر 1-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى «1-ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپى شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى 2-يىللىق (1)-سىنىپىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلدى، ئۇلار سوئاللارغا خۇشاللىق، ئىللىقلىق، چىن ھېسسىياتى بىلەن جاۋاب بەردى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

  1-سوئال: ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ نېمە قىلىشنى ئويلاشتىڭىز؟

  ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوينىغۇم بار!

  ئىمتىھاندا 100 ئالغان-ئالمىغانلىقىمغا، قايسى خەتنى خاتا يېزىپ قويغانلىقىمغا قارايمەن.

  2-سوئال: قىشلىق تەتىلدە پىلانلىغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشىڭىز نېمە؟ كىتاب ئوقۇش.

  3-سوئال: چاغاندا كىم بىلەن كۆرۈشكىڭىز بار؟ چاغاندا سىڭلىم بىلەن كۆرۈشكۈم بار، سىڭلىم باشقا جايدا تۇرىدۇ، ئۇنى كۆرمىگىلى بەك ئۇزاق بولدى.

  قىشلىق تەتىلدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش: ماشىنا ئادەم سېتىۋېلىپ قۇراشتۇرۇپ، كارىۋېتىمنىڭ بېشىغا خاتىرە بۇيۇمى ئورنىدا قويۇپ قويۇش.

  ئوقۇغۇچىلار قول كۆتۈرۈشۈپ سوئاللارغا بەس-بەستە جاۋاب بەردى.

  چاغاندا دادام-ئاپامنى كۆرگۈم بار، ئۇلار ھەممىدىن ياخشى، مېنى ئۇلار بېقىپ چوڭ قىلدى.

  قىشلىق تەتىلدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش: ئۇخلاش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى