تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قىشلىق «بىكار» مەزگىل «ئالدىراش» مەزگىلگە ئايلاندى

  قومۇل شەھىرىدىكى ھەرقايسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق بىكار ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق سەۋىيەسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان «قىشلىق ھەرىكەت» نى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىشتىكى «بىكار» ۋاقىتلىرىنى «ئالدىراش» ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  قومۇل شەھىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارغا قوشۇمچە ۋەزىپە قىلىش، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار سانىنى كۆپەيتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

   شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قومۇل شەھىرى يەنە پەن-تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋا باقمىچىلىقى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ، دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، دېھقان-چارۋىچىلار، يېزىلاردىكى يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى پەن-تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتتى. ئۇل خاراكتېرلىك، دائىملىق ئەمەلىي تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇئەييەن مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئەمەلىي تېخنىكىغا ئىگە كەنت كادىرلىرى، پەن-تېخنىكا بويىچە ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلەر ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىگە كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن مەخسۇس يېتەكچىلىك قىلدى.

قومۇل شەھىرى قارادۆۋە بازىرى كەنتتىكى ئاياللارنى تەشكىللەپ جۇڭگوچە قورۇما قۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، قومۇل شەھىرى يەنە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلىدى. شەھەر بويىچە يەتتە رايون ۋە 19 يېزا-بازار نۇقتىسىدا ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە كىشىلەر توپى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا كەپشەرلەش، توكچىلىق، ئائىلە مۇلازىمىتى، ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئاشپەزلىك قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى ھەمدە ئىش ئورنىغا تونۇشتۇردى. بىر تۈركۈمنى تەربىيەلەش، بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلەش، بىر تۈركۈمنى بېيىشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇردى. (قۇمۇل شەھەرلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ما سۈنفاڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى