بېيجىڭلىق ئوقۇرمەن گاۋ خانىم: مەن كىشىلەردىن شاكىلات يېسە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆپ ئاڭلىغانىدىم، ئەتراپىمدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇنى سىناپ باققانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. ئۇنداقتا شاكىلاتنىڭ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ ئاساسى بارمۇ-يوق؟
بېيجىڭ داشۆسى خەلقئارا دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدىكى جاڭ يوڭگاڭ گاۋ خانىمنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شاكىلات ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىشتە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە. چۈنكى، شاكىلات تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتا ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلايدۇ، كوفېئىن بولسا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ياكى ئۇيقۇسىزلىقتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش، باش ئېغىرلىشىشنى يېنىكلىتىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر شاكىلاتنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئەكسىچە بەدەندىكى ھورموننىڭ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر يېتىپ، ھەيز مەزگىلىدىكى بىئاراملىق، كۆكسى چىڭقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)