تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغدايمەن

  قۇتۇبى ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن دى

  مەن 20 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى، مەن بەختكە يارىشا بىر ئۇلۇغ يېڭى دەۋرگە ئۇلاشتىم. مەن تۇغۇلغان، ئۆسۈپ يېتىلگەن بۇ گۈزەل مۇنبەت زېمىندا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئېلىپ كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشقا گۇۋاھ بولدۇم. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئىقتىسادتا زور ھالقىش، خەلق تۇرمۇشىدا زور ياخشىلىنىش، شەھەر- يېزىلاردا زور ئۆزگىرىش بولغان، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاق بولغان يېپيېڭى كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما چىن قەلبىدىن بەخت ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلدى.

  بۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تارىخنى بۇرمىلاپ، بىدئەت تەلىمات ئويدۇرۇپ چىقىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال- مۈلكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، مۇقىم، ئىناق ئىجتىمائىي ئومۇملۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە. بىز قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «تولۇق غەلىبە قىلمىغىچە ھەرگىز بولدى قىلماسلىق» تەلىپىگە ئاساسەن، ھەقىقىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز يوقىتىپ، پاكىز قېزىپ، قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەملىكى، ئىناقلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ كۆپ يىللىق يېتىشتۈرۈشى ۋە تەربىيەسىدە، مەن بىر ئادەتتىكى كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن ھازىرقى ئىش ئورنىغا قەدەم قويدۇم، مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيەنىڭ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مەن ئەۋزەللىكىمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، قەتئىي ھالدا بايرىقى ئىنتايىن روشەن بولۇش، پوزىتسىيەسى ئىنتايىن كەسكىن بولۇش، مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  خەلق قۇرۇلتىيى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېچىپ تاشلاپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە چوڭ تەشۋىقات پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلىشكە يېتەكلەيمەن، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، جەزمەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك. مەيلى قانداق ئادەم بولسۇن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسىلا، قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى