تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك

  — ھازىرقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دۇڭ جۈن، ۋۇ يۈ، يۈ ۋېنجىڭ، گاۋ جىڭ

  12- ئاينىڭ 13- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ياخشى باشلاندى، دەپ قارالدى ھەم كېلەر يىلى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، بېكىتىلگەن ھەرىكەت لايىھەسى بويىچە، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، نۇقتىلىق جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  «مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش كېرەك

  مۇھىم، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش — ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە باش ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا جەزمەن ھالقىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم ئۆتكەل.

  بۇ يىلدىن بۇيان، كۆپ قېتىملىق مۇھىم يىغىندا، مۇھىم، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ- خەتىرىگە قارىتىلغان بىر قاتار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسەتلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ نەتىجىسى تەدرىجىي گەۋدىلەنمەكتە —

  ماكرو پىشاڭلىق نىسبىتى زىيادە تېز ئېشىش ۋەزىيىتى تىزگىنلىنىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى ئومۇمىي جەھەتتىن پەسەيتىلىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىق دەسلەپكى قەدەمدە تەرتىپكە سېلىندى، مەبلەغ باشقۇرۇش كەسپى تەدرىجىي ھالدا ۋاكالەتلىك مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەسلىي مەنبەسىگە قايتىپ، زايوم بازىرىدىكى مۇتلەق نەقلەشتۈرۈش تەرتىپى بۇزۇپ تاشلىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىشىش ئېڭى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپ- خەتەر ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يىغىن ئېچىپ مۇھىم، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مۇھىم، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىگە قاراپ چىقتى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بىراق، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئىچكى- تاشقى ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىدە، مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل.

  جۇڭگو مىنشېڭ بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە تەتقىقاتچىسى ۋېن بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىدە مۇۋاپىق ئارىلىق ئاساسىي جەھەتتىن ساقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى تەدرىجىي گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىساد خىزمىتىگە سىياسەت ئاساسىي رىتىمى سېلىندى، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئىرادىنى ساقلاپ، «مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

  رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش جەھەتتە پۇختا قەدەم تاشلاندى

  گوۋۇيۈەن يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسى يىل ئاخىرىغىچە دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ %85 تىن كۆپرەك ئازىيىدىغانلىقىنى، نامرات كەنتلەرنىڭ %80 ىنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىدىغانلىقىنى، %50 تىن ئارتۇق نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

  مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىشنى قانات يايدۇرۇش، نامرات ئاھالىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، كەنتلەرگە خىزمەت ئەترىتى تاللاپ ئەۋەتىش، بىرىنچى سەپنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش، سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، سىياسەت- تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش... پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، دۆلىتىمىز رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى.

  گوۋۇيۈەن يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى 334 ئېغىر نامرات ناھىيە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، ئەگەر خىزمەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىسە، ئوڭايلا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىدۇ.

  بۇ ئېغىر نامرات رايونلاردا كەسىپلەر قالاق بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىدە تىل، تۇرمۇش ئادىتى، تېخنىكا ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە، خېلى بىر تۈركۈمى ياشانغانلار، ئاغرىقلار ۋە مېيىپلەر.

  كېيىنكى قەدەمدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە ئوخشاش بولمىغان نامراتلىشىش سەۋەبىگە ئاساسەن، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرلىرى داۋاملىق قوللىنىلىدۇ —

  ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشى ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ؛ يېرىم ئەمگەك كۈچى، ئاجىز ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، پەرۋىش خادىمى قاتارلىق پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان ياشانغان، ئاغرىق، مېيىپلەر ئاساسلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا نۇقتىلىق جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك

  سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان، ساپ تۇپراقنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، فېنخې- ۋېيخې تۈزلەڭلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلار نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كارخانىلار ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشتىن تارقاق، قالايمىقان، مەينەت بولۇشنى تۈزەش ئۈزۈل- كېسىل بولماسلىققىچە، كىچىك پار قازانلىرىنى تۈزەشتىن قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى چاڭ- توزانلارنى تىزگىنلەشكىچە بولغان بۇلغاش مەسىلىلىرى چەكلەندى.

  1- ئايدىن 10- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %81.5 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ PM2.5نىڭ قويۇقلۇقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 تۆۋەنلىدى، MP10 نىڭ قويۇقلۇقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 تۆۋەنلىدى.

  سۇ مەنبەسىنى تۈزەش، شەھەرلەردىكى قارا لاتقا، سېسىق سۇلارنى تۈزەش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى بۇلغىمىنى تىزگىنلەش، بوخەي دېڭىزىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاتارلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى كەينى- كەينىدىن باشلاندى. سۇ مۇھىتى، بولۇپمۇ ئامما ئەتراپىدىكى سۇنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى سۇنى تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، پۇقرالارنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە مۇھىتنى تۈزەش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بارلىق سېلىنمىدىن 28.3 پىرسەنت پوئېنت تېز بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.

  مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى «ئۆتكۈر شەمشەر» دەپ ئاتالدى. بۇ يىل مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشتىكى «قايتا قاراپ چىقىش»ى رەسمىي باشلاندى، شەمشەر «يۈزەكى تۈزەش»، «يالغان تۈزەش»، «ئەپلەپ- سەپلەپ تۈزەش» قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىگە قارىتىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  كېلەر يىلى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە نۇقتىلىق، دەل جايىدا كۈچەش چىڭ تۇتۇلۇپ، بىرنەچچە مەيدان قاتتىق جەڭ، مۈشكۈل جەڭ، چوڭ جەڭدە داۋاملىق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشقا، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى