تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ نانچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى كۇچادا ئۆتكۈزۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ نانچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى كۇچادا ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ نانچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى «ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش، مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆرگەزمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىپ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون نانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون نانچىلىقىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ نانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ياخشى ئاساسقا ئىگە. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈنىگە 550 توننا (تەخمىنەن 2 مىليون 750 مىڭ دانە) نان ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئاساسلىقى كۈنجۈت نېنى، قىزىلگۈل نېنى قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى، كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزچىل ئۆزگەرتىپ ياخشىلاندى، ئەنئەنىۋى كۆمۈر قالاپ نان يېقىش مۇھىت ئاسراپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تەبىئىي گاز ياكى توكتا قىزىتىلىدىغان تونۇردا نان يېقىشقا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، نانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولماقتا.

 
 يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون نانچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن، مۇناسىۋەتلىك كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پۈتۈن جەمئىيەتنى نانچىلىققا كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلەپ، نانچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا باب كېلىدىغان بۇغداي سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تېرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش، كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى ئوراپ قاچىلاش، توشۇش-ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن نانچىلىقنىڭ ئۆلچەملىشىپ، كۆلەملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناننىڭ داڭقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ چىقىرىش ۋە دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى