مۇخبىرىمىز ماۋ ياچيەن خەۋىرى، فوتوسى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 19دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، Y971 قېتىملىق شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن بېيتۈنگە قاراپ يولغا چىقتى، بۇ، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» 2018-يىللىق قىشلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» بولسا شىنجاڭنىڭ ساياھەت داڭلىق ماركىسى بولۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئومۇمىي گەۋدە ساياھەت تەشۋىقات باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «تۆمۈريول+ساياھەت» يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش»، «ئاجايىپ ئوت يۇرتى»، «جەنۇبىي شىنجاڭنى راۋان ساياھەت قىلىش»، «دۇنخۇاڭدا ئۇچرىشىش» قاتارلىق «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» تۆمۈريول ساياھىتى ئېسىل لىنىيەلىرى ئېچىلدى. 2018-يىلى، تۇنجى قېتىم قوزغىتىلغان قىشلىق ساياھەت لىنىيەسىنىڭ جەمئىي تۆت لىنىيەسى بار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئارشاڭ ناھىيەسى، كۇچا، قاناس ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى قاتارلىقلار ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ «تۆت پەسىل ناخشىسى» ئومۇميۈزلۈك ياڭرىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ چوقۇم جۇڭگونىڭ قىش پەسىللىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى، مۇز ھەيكەل تاماشا قىلىش، ئارشاڭدا كۈتۈنۈش، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ئۆزگىچە قار-مۇز ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ قىممەتلىك قىش پەسىللىك ساياھەت بايلىقىنى دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە نامايان قىلىشى ھەمدە كۆپچىلىككە تېخىمۇ مول، تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ ئازادە بولغان شىنجاڭنىڭ قىش پەسىللىك ساياھىتىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.