تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر ئارتۇقچىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ «نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىشى»غا كۈچ قوشتى

  ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاقسۇ جۈيىڭ كىيىم- كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رۇقىيەم ھەسەن ئىشداشلىرى بىلەن بىرلىكتە زاكازلىق كىيىم- كېچەكلەرنى جىددىي تىكىۋاتاتتى. جاپاغا چىداپ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن، پىراكتىكا مەزگىلىدە، كارخانا رۇقىيەمگە 2000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش بەردى.

  «كەسىپ بىلەن مائارىپنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئەندىزىسى ئاستىدا، رۇقىيەم ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى، كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ بىۋاسىتە كارخانىغا كېلىپ ئىشقا چۈشسە بولىدۇ، ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ. «ئوقۇش پۇلى، ياتاق، ئوقۇش ماتېرىيالىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، كېلەر يىلى يەنە دۆلەتنىڭ 2000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىمەن، بىر يىلدا ئائىلەمگە 5000 يۈەنگە يېقىن ئىقتىساد قىلىپ بېرىمەن» دېدى رۇقىيەم.

  رۇقىيەم ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدىن كەلگەن، ئائىلىسىنىڭ ئاران ئىككى مو يېرى بولۇپ، كۈنلىرى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. ھازىر، ئۇ بىر ئارتۇقچىلىققا تايىنىپ ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللەتتى.

  ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن فاكۇلتېت مۇدىرى لى گوفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر يىللىق ئىش ئورنى پىراكتىكىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى ئارقىلىق، ھازىر مەكتىپىمىزدە %30 ئوقۇغۇچى ئاساسىي قاتلامدىكى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا چىقتى، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تىرىشىش ئارقىلىق ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، مۇئەييەن كىرىمگە ئىگە بولدى. بۇنىڭ بىلەن بەزى نامرات ئائىلىلەر تەدرىجىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا رۇقىيەمگە ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ ئوقۇغۇچى بىر ئارتۇقچىلىقنى ئىگىلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەكتە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى نامرات رايونلار، نامرات ئاھالىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ھەممە ئادەم ئۆگىنەلەيدىغان، ھەممىسى ماھارەت بىلىدىغان، ھەممە ئائىلىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان» مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ «نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىشى»غا كۈچ قوشتى.

  بۇ يىل 6- ئايغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك كەسپىي مەكتەپلەر جەمئىي 171گە يەتتى، كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى 427 مىڭ 800 كىشىگە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ھەممە ناھىيەدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ياكى كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى بولۇش» تەلىپى بويىچە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇردى ھەم «زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى»، «كەسپىي مائارىپتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك تۈرلەرنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويدى، جەمئىي 1 مىليارد 428 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 22 ئالىي كەسپىي مەكتەپ، 93 ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  «كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى». ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017- يىلىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %92 كە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %84 كە يەتتى، يېقىنقى ئىككى يىلدا كەسپىي مەكتەپلەر يىلىغا تۈرلۈك خادىملاردىن 300 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى