شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا غەربىي شىمال نېفىتلىكىدىن ئىگىلىشىچە، غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ نېفىت قىزىش ئۈچىنچى زاۋۇتى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېفىتلىكى سىناق نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېفىتلىك قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نېفىتلىك ئىسلاھات قەدىمىنى ئىلگىرى سۈردى.
غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ نېفىت قىزىش ئۈچىنچى زاۋۇتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، دىجورنىسىز ھېسابلاپ ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇشى ۋە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم»نى ھەمكارلىشىپ ياساپ چىقىپ نەق مەيداندا ئەمەلىي قوللىنىشنى تېزلىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنىڭ نېفىتلىكنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.