تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پارتىيە ئىزنىكى مەڭگۈ ماڭا ھەمراھ

قۇربانجان ئەخمەد

  بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن زورىخان ئانا 42 يىلدىن بۇيان پارتىيە ئىزنىكىنى كېچە - كۈندۈز مەيدىسىدىن ئېلىۋەتمەي، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، كۈندە نەچچە قېتىم سۈرتۈپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى پارتىيە ئىزنىكىنى جۇلالاندۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

  ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى سايغان كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان زورىخان مەتسىيىت ئىلگىرى كۆپ ئىسسىق - سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى قىيىنچىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن مەتسىيىت ئاكا ئۇنىڭغا دائىم كونا جەمئىيەت بىلەن يېڭى جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا زور پەرقنى سۆزلەپ بېرەتتى. زورىخان چوڭ بولغانسېرى پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيدى. ئەينى ۋاقىتتىكى كوللېكتىپ ئەمگەك مەزگىلىدە ئەمدىلا ياشلىق دەۋرىگە قەدەم باسقان زورىخان ھەر دائىم سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىش ئەمگەكتە كەنتتىكى ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقى ۋە جاسارىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشتى.

  ئىش ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە ھەر دائىم ياشلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان، ‌ 24 ياشلىق زورىخان 1966- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەندە مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن قاراشتى. زورىخان پارتىيەگە ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن خۇشاللىقتىن بېشى كۆككە يەتتى، ئۇيقۇسى قاچتى.

  1975- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى بەشتۈگمەن يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە ئىزنىكى تاقاپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى»گە قاتنىشىشنى ئۇقتۇرغاندا زورىخان پارتىيە ئىزنىكىنى ھەممىنىڭ ئالدىدا مەيدىسىگە تاقىدى. مانا ھازىر زورىخان مەتسىيىتنىڭ پارتىيە ئىزنىكىنى تاقاۋاتقىنىغا 42 يىل بولدى، زورىخان مەتسىيىت كىيىم يۇغاندا، ئالماشتۇرغاندا، ئېتىز–ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتقاندا پارتىيە ئىزنىكىنىڭ چۈشۈپ قېلىپ يوقاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەشكىلگە پارتىيە ئىزنىكىدىن بىرنەچچە تال ئارتۇق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، دائىم كىيىدىغان كىيىملىرىگە ئىلىپ قويدى.

  1980- يىلى كەنت ئاياللار خىزمىتى مۇدىرى بولغان زورىخان ئاياللار خىزمىتىنى 20 يىل ئىشلەپ، كۆپ تۈردە كەنتكە، يېزىغا شەرەپ كەلتۈردى. 20 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئۇ يەنىلا سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن، پارتىيە ئىزنىكىنى دائىم تاقىۋالىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «مەن بىر ئۆمۈر سايغان كەنتىدە ياشىدىم، كەنتىمىزنىڭ نامرات، قالاق ھالەتتىن باي - باياشاد ھالەتكە كەلگەن تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا قىلغان شۇنچە كۆپ ھىممىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شۇڭا مەن چىن كۆڭلۈمدىن پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن، پارتىيە ئەزاسى بولغانلىقىمدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن، پارتىيە ۋە پارتىيە ئىزنىكى مەڭگۈ ماڭا ھەمرا» دېدى.

  ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن سايغان كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن رۇتاۋ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى زورىخان مەتسىيىتتىن ئۆگىنىش، «پارتىيە ئىزنىكىنى تاقاپ سالاھىيىتىنى، ئوبرازىنى تىكلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز. پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىغا ياكى كەنتتىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا چوقۇم پارتىيە ئىزنىكىنى تاقاپ، ئۆزىنىڭ پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى تىكلىشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، «بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق» ئىكەنلىكىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ئاممىغا باشلامچى بولۇشى كېرەك.

  پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى زورىخان مەتسىيىتنىڭ 42 يىلدىن بۇيان پارتىيە ئىزنىكىنى ئىزچىل تاقىشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن بەلكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىياپىتىنى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيەگە بولغان ساداقىتى، ئېتىقادى ۋە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  «پارتىيە ئىزنىكى مەيدەمدە، پارتىيە مېنىڭ قەلبىمدە» 75 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى زورىخان ئانا ھاياجانلانغان ھالدا پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسىتىپ شۇنداق دېدى.

  يېقىندا سايغان كەنتىدە قانات يايدۇرۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى تەشۋىق قىلىش، قەسەم بېرىش، ئىمزا قويۇش پائالىيىتىدە، جۇغى كىچىك، چېچى ئۇچتەك ئاقارغان زورىخان ئانا قىزىل پىلاكاتقا ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازدى، قۇياش نۇرىدا موماينىڭ مەيدىسىگە تاقىۋالغان ئوچۇق قىزىل رەڭلىك پارتىيەە ئىزنىكى تېخىمۇ جۇلالىنىپ، موماينىڭ جۇشقۇن روھىي ھالىتى، چىرايىدىكى كەسكىن جەڭ ئىپادىسىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

  كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قۇربان ئەختەم مۇنداق دېدى: «مەيلى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش بولسۇن، مەيلى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يىغىنى، ئۆگىنىشى ياكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پائالىيىتى بولسۇن، قاچان ئۇنى كۆرسەك پارتىيە ئىزنىكى ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ مەيدىسىدە تۇرىدۇ، ئۇنى ھەر قېتىم كۆرگىنىمىزدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز ئاشىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى