ماتېرىيال سۈرەت
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تورىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەممىلا يېرى يۇتقۇچى يۇلتۇزلار سىسىتېمىسى بىلەن تولغان ئىكەن. ئاسترونوملار ئىزچىل ھالدا سامان يولى سىستېمىسىغا ئوخشاش ماسسىسى چوڭ يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنچىلىك چوڭ بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەتراپىدىكى كىچىك يۇلتۇزلار سىسىتېمىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى يۇتۇۋالغانلىقىدىن دەپ گۇمانلىنىپ كەلگەنىدى. ئەمما يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىچىك يۇلتۇزلار سىسىتېمىلىرىمۇ «ئىشتەيلىك» بولىدىكەن. ئىسپانىيە ئالىملىرىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار ھازىرغىچە بولغان ئەڭ كىچىك يۇتقۇچى يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولغان «سېكستانت يۇلتۇز تۈركۈمى» پەتەك يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بايقىغان، بۇ سامان يولى سىستېمىسىنىڭ بىر ھەمراھ يۇلتۇزلار سىسىتېمىسى ئىكەن.
كانارى تاقىم ئاراللىرى تەتقىقات ئورنى ۋە لاگۇنا داشۆسىنىڭ ئاسترونوملىرى يېقىندا نەشردىن چىققان «خان جەمەتى ئاسترونومىيە جەمئىيىتى ئايلىق ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان يېڭى ماقالىدە مۇنداق دېگەن: بۇ پەتەك يۇلتۇزلار سىسىتېمىسى تەخمىنەن 12 مىليارد يىل تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى كىچىك، ماسسىسى ئارانلا سامان يولى سىستېمىسىنىڭ يۈز مىڭدىن بىر ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
يېڭى تەتقىقاتتا ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، سېكستانت يۇلتۇز تۈركۈمى پەتەك يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ رەڭگى، يورۇقلۇق دەرىجىسى ۋە ئوربېتا سۈرئىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بەزى قىزىقارلىق ئەندىزىلەرنى بايقىغان.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى