تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق

كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كەلگەن ئىلھام (3)
شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

    ئېكولوگىيەلىك ئورمان، ئىقتىسادىي ئورمان بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ بەرپا قىلىنغان مىليون مولۇق ‹‹يېشىل سەددىچىن سېپىلى›› بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت بايلىقىنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹يەر شارىدىكى 500 گۈزەل مۇھىت››نىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، 32 يىلدىن ھالقىغان كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا چەكسىز يېشىل دېڭىز بەرپا قىلىنىپلا قالماي، يەنە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن غايەت زور تەرەققىيات پايدىسىنىڭ يېشىللىق مۆجىزىسى يارىتىلدى.
    نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش ياخشىلانغان گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەرگەنلىكىنىڭ دەلىلى. كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا تولۇقلاش يولى بەرپا قىلىنىپ، ‹‹سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› ئىكەنلىكى چوڭقۇر ئىسپاتلاندى.
    سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسى تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قايتا – قايتا تەكىتلىشىدىكى سەۋەب ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتى، ئېلىمىز سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى بولغانلىقىدا.
    شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولۇپ، ئېلىمىزدىكى چۆللىشىش ئېغىر رايون؛ شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئېغىر نامرات رايون. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شۇنداقلا سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش بىلەن بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور پىرىنسىپى. كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېتەكچى ئىدىيە توغرا بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا، ھەم ئېكولوگىيەنى ياخشىلىغىلى، ھەم تەرەققىياتنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
    ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق — ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق — ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش بىلەن بايلىق ھەرگىزمۇ زىت ئەمەس، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش بىلەن بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئادەمدە، پىكىر يولىدا. كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىكى ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇم – بوراننى توسىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي ئورمان بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىلدى، ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يەنە يېشىل توسۇق ئارقىلىق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتەك ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. بىر تۈپ دەرەختىن بىر پارچە ئورمانلىققىچە، ئاندىن چەكسىز ئورمانلىققىچە، كۆكيار ئېكولوگىيە ئورمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئاقسۇنىڭ باغ – ئورمانچىلىقىنىڭمۇ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ھازىر ئاقسۇ خۇڭچىپو شىرنىلىك ئالمىسى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق، ئالما دەرىخى باغۋەنلەرنىڭ ‹‹تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى››گە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايىتىمۇ ‹‹ئورمان بىلەن ئورماننى بېقىش››، ‹‹بىر تەرەپتىن، كۆكەرتىپ، بىر تەرەپتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش››تىن ئىبارەت ياخشى دەۋرىيلىنىشنى شەكىللەندۈردى. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، ئىلمىي تەرەققىيات پىكىر يولىنى تېپىپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ كەسىپلەرنى ياخشى تاللاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش بىلەن ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش بىر گەۋدە قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
    ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەۋزەللىكى دەل ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكى. كۆكيار ئىھاتە ئورمانلىقى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، بۈگۈنكى ئاقسۇ يېشىللىققا پۈركەندى، شەھەر ئورمان ئىچىدە، سۇ شەھەر ئىچىدە، ئادەم باغ ئىچىدە بولۇش ئىشقا ئاشتى. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇ يەرنى مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان، كىشىلەر توپلاشقان، ئىختىساسلىقلار ئەتىۋارلىنىدىغان ‹‹گۆھەر ماكان››غا ئايلاندۇردى. كۆكيار 4 – قارارلىق ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشى 20 مىليون يۈەن بىلەنلا 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىجتىمائىي سېلىنمىنى جەلپ قىلدى؛ باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلار كەنت ئەتراپىدىكى چوڭ باغدا، چوڭ شىركەتتە ئىشلىدى، ئۇلار كۆپ كىرىم قىلىپ، خاتىرجەم ياشىدى؛ ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى شىپاڭلار، مەجنۇنتال، نېلۇپەر، دېھقانلار ئارامگاھىدىكى قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى، سەھرا مەنزىرىسى، ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكى، سەھرا ساياھەتچىلىكى ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ دەل ‹‹بېلىق سۇ قوغلىشىپ ياشايدۇ، قۇشلار دەرەخ تاللاپ ماكان تۇتىدۇ›› دېگەندەك بولدى، ئەگەر باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى شارائىت ھازىرلانسا، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولغان جايلارغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش، تەرەققىي قىلىش، خىزمەت قىلىش، ياشاش، ساياھەت قىلىشنى كىممۇ خالىمىسۇن؟ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش ھەم تەبىئىي بايلىق، ھەم ئىجتىمائىي بايلىق، ئىقتىسادىي بايلىق. بۇمۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغاندىلا، يېشىل ئېكولوگىيەنى ئەڭ چوڭ بايلىققا، ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىككە، داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
    ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئۈلگىسى بىزنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش›› نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى