ئۆز خەۋىرىمىز. سايرام كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ يەردە شىنجاڭ بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ سوغۇق سۇ كۆلى بار، خىلمۇخىل ياۋا گۈللەر ئۆسكەن يايلاقلاردا بەزىدە ياۋا تۈلكىلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان كۆل يۈزىدە ئاق قۇلار توپ-توپ ئۇچىدۇ، بۇ سۇلۇق يەردە 639 خىل ياۋا ئۆسۈملۈك ۋە 143 خىل ياۋايى ھايۋانات بار.
شىنجاڭ تىلغا ئېلىنسىلا، ھەممەيلەن كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقنى ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭدا ئومۇمىي كۆلىمى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىدىن ئاشىدىغان تۈرلۈك سۇلۇق يەرلەر بار، بۈگۈنكى كۈنگىچە شىنجاڭدىكى 54 سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ 11 ىگە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ۋىۋىسكىسى ئېسىلدى، بۇ سۇلۇق يەرلەر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.
سەيۋوپۇ كۆلىگە نەزەر (سۈرەتنى خې يافاڭ تەمىنلىگەن)
قابا ناھىيەسىدىكى ئاقچى سۇلۇق يېرى قۇش تۈرىدىكىلەرنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىدۇ. (سۈرەتنى ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن)