تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«ياخشى ئاكا–ئۇكىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىشى كېرەك»

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ جىڭتاۋ، خۇاڭ گېنشى

  9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، يەنە بىر بازار كۈنى يېتىپ كەلدى، بولات مادى ئائىلىسىدىكىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ شويىڭپەن بازىرىدىن سودىلىق قىلىپ يانغاندىن كېيىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا تيەن خەيچېڭنىڭ ئۆيىگە ئەھۋال سوراپ باردى، بۇ ئۇلارنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيانقى ئادىتى ئىدى.

  20 يىل ئىلگىرى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى ئۇلاسىتا بۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى تيەن خەيچېڭ بولات بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇلار بىر – بىرىنى ئاكا، ئۇكا دەپ ئاتىشىپ كەلدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئىشى بولسا بار مەسلىھەت قىلىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە زىممىسىگە ئېلىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

  بولات چارۋىچى بولۇپ، ھەر يىلى كۈزدە قويلىرىنى ئېتىزلىققا ھەيدەپ ئاپىرىپ باقاتتى. 1998 – يىلى، بولات تيەن خەيچېڭنىڭ ئېتىزىدىكى كۆممىقوناقنى تولۇق يىغىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، قويلىرىنى ئۇنىڭ ئېتىزىغا ھەيدەپ باردى. ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ، بولاتنىڭ تىككەن چېدىرى سوغۇققا دال بولالماي قالغاندا، تيەن خەيچېڭ ئۇنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆيىدە تۇرغۇزدى، تيەن خەيچېڭ يەنە بولاتنىڭ مال بېقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ چارۋا مال باقىدىغان يېرىنى بولاتقا ھەقسىز بېرىپ تۇردى.

  ـــ تيەن ئاكام ماڭا بۇنداق ياردەم قىلغان تۇرسا، مەنمۇ ياردەم قىلىشىم كېرەكتە. بولات مۇنداق دېدى: ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ئائىلىمىزدىكىلەر تيەن خەيچېڭنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىمىز.

  ـــ ئىلگىرى قىشلاقتا مال باققىنىمدا، قار ياغسىلا، ئوت – چۆپ قالمايتتى، تيەن ئاكامغا تېلېفون قىلسام، ئۇ دەرھال ماڭا تىراكتوردا چۆپ ئەكىلىپ بېرەتتى، – دېدى بولات.

   مەيلى كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسۇن، تيەن خەيچېڭ بىلەن بولات قىلچە ئىككىلەنمەستىن ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، دائىم كۆڭلىدە بىر – بىرىنى ياد ئېتىدىغان بولۇشتى.

  بىر يىلى قىشتا، بولات تاغدا مال بېقىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىپ، بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشىدىغان بولۇپ قالدى. بولاتنىڭ قىزى گۈلزار بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن جىددىيلىشىپ، دەرھال تيەن دادىسىغا تېلېفون قىلدى. تيەن خەيچېڭ ناھايىتى تېزلا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېلىپ بولاتنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

  بولات ئائىلىسىدىكىلەر شويىڭپەن بازىرىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چارۋىچىلىق رايونىدا تۇرىدۇ. گۈلزار بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندا ئۆيىگە قايتىش قولايسىز بولغاچقا، تيەن خەيچېڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. گۈلزار ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مەن ئۇدۇللا تيەن دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن، ئۇلار ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، كىر – قاتلىرىمنى يۇيۇپ، ھەپتە ئاخىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشۈمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، بۇ تاكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە داۋاملاشتى.

  تيەن خەيچېڭ بولاتنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، بولاتنىڭ ئۆي ئەتراپىنىڭ يانتاققا تولغانلىقىنى، تۆگە بېقىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، بولاتقا تۆگە بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش تەكلىپىنى بەردى ھەم ئۇنىڭغا پۇل يەتمىسە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بولات تيەن خەيچېڭنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قويلىرىنى سېتىۋېتىپ، تۆگە بېقىشقا كىرىشتى. نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، بولات ئائىلىسىنىڭ تۆگىلىرى 100دىن ئاشتى، تۆگە سۈتىدىنلا يىلىغا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. ھازىر بولات ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، بېيىش يولىغا ماڭدى.

  بولات بىلەن خوتۇنى نۇرگۈلزات چىنتۆمۈر تيەن خەيچېڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغان ھالدا: بەختىمىزگە يارىشا تيەن ئاكامنىڭ تەكلىپى بىلەن، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، دېدى. تيەن خەيچېڭ مۇنداق دېدى: مەن بولات بىلەن ياخشى ئاكا – ئۇكا، شۇڭا ئۆزئارا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، بىز ئاكا – ئۇكىلىق مېھرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى