تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قومۇلدا ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ‹‹ئىگە بولىدىغان ئادەم›› بار بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

  ‹‹لى دوختۇر، سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم، مېنىڭ دوختۇرخانىدا ياتىدىغان ئىشىم ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتىڭىز. يۆتكەپ داۋالاش رەسمىيىتىنى ياردەم قىلىپ بېجىرىپ بەرمىگەن بولسىڭىز، دادام مېنىڭ دوختۇرخانىدا ياتىدىغان ئىشىم ئۈچۈن قاتراپ يۈرگەن بولاتتى››. 10–ئاينىڭ 4–كۈنى چۈشتىن كېيىن، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى 2–خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانىسىدا، 40 نەچچە ياشلىق ليۇ شىگاڭ ئائىلە دوختۇرى لى چىنغا توختىماي رەھمەت ئېيتىۋاتاتتى.

  ليۇ شىگاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسى گاداجىن كەنتىنىڭ ئاھالىسى، يېشى 70تىن ئاشقان دادىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ليۇ شىگاڭ ئائىلىسىنىڭ يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە يەر ئوبوروت كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقانىدى. ليۇ شىگاڭ مۇنداق دېدى: دادام ياشىنىپ قالغان ھەم كېسەلچان بولغاچقا، ھەر قېتىم ئۇنىڭ مېنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، دوختۇرخانىدا يېتىش ئىشلىرىم ئۈچۈن قاترىغانلىقىنى كۆرسەم، كۆڭلۈم بىئارام بولاتتى.

  ليۇ شىگاڭ ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى. ليۇ شىگاڭ: ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇمدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، دېدى. بۇيىل 3–ئايدا، ئېۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئائىلە دوختۇرى كوللېكتىپى پۈتۈن يېزىدىكى تۆت كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى تەشۋىق قىلدى. نۆۋەتتە، بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدا 900 كىشى ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى تور ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تېببىي دورا–سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنىڭ مۇھىم يولى. ئاپتونوم رايون ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قومۇل شەھىرى ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسىنى تۈزۈپ، كۆپ ئىشلىگەن كۆپ ئېلىش، نەتىجىسى ياخشىلارغا ياخشى ھەق بېرىشنى نامايان قىلىپ، كېلىشىملىك مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى خىزمىتىگە ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاساسەن، قومۇل شەھىرى بۇ يىل ‹‹ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى››نى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، تەۋەلىك رايونىدىكى بارلىق ئاھالىنى ھەقسىز يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، ئۇنىڭدىن سىرت، ياشانغانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىق قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى يىلىغا 60 يۈەن(شەخس تۆلەيدىغىنى 28 يۈەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغىنى 32 يۈەن)لىك ئاساسىي داۋالىنىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ھەمدە ھەر بىر كىشىنى يىلىغا 120 يۈەن(شەخس تۆلەيدىغىنى 52 يۈەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغىنى 68 يۈەن)لىك خاس ئۇزارتىلما داۋالاش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەقلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

  كېلىشىم ئىمزالىغان ئاممىنى تەمىنلىگەن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەل ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللەرگە جۇڭگوچە، غەربچە دىياگنوز قويۇش، مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش، ھەر ئايدا ئاز بولغاندا بىر قېتىم سەييارە تەكشۈرۈش، داۋالىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئالدىن كېلىشىپ داۋالاش، يۆتكەپ داۋالاش يېشىل يولى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە ئۇزاق مۇددەتلىك رېتسېپ يېزىش، ۋاكسىنا ئەملەش، نۇقتىلىق كېسەللەر بويىچە ساغلاملىقنى باشقۇرۇش ھەمدە بالىلار، ياشانغانلار، ھامىلىدار–تۇغۇتلۇق ئاياللار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاس ئۇزارتىلما داۋالاش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئاساسىي داۋالاش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئاساسىدا كۆپەيتىلگەن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇلازىمەتلەردە يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت سىيىش قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئاھالىلەرگە ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلىپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قەنت سىيىش كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولغان ئاغرىقلار ھەپتىدە ئاز بولغاندا بىر قېتىم كۆزىتىلىدۇ ۋە دورا ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش خاتىرىلىنىدۇ؛ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولمىغان ئاغرىقلار ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم كۆزىتىپ خاتىرىلىنىدۇ ھەمدە دورا ئىشلىتىشنى تەڭشەش خاتىرىسى قالدۇرۇلىدۇ.

  بۇلۇڭتوغراق يېزىلىق شىپاخانا ليۇ شىگاڭغا ‹‹ئايدا ئاز بولغاندىمۇ بىر قېتىم سەييارە تەكشۈرۈش، داۋالىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇش، دوختۇرخانىدا يېتىش يېشىل يولى ئېچىش ۋە ئالدىن كېلىشىپ يۆتكەپ داۋالاش››تا خاس ئۇزارتىلما داۋالاش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى تەۋسىيە قىلدى. ليۇ شىگاڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالغاچقا، خاس ئۇزارتىلما داۋالاش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدىكى شەخس تۆلەيدىغان 52 يۈەننى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بەردى.

  بۇ يىل 3–ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئائىلە دوختۇرى لى چىن بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، ليۇ شىگاڭنىڭ ساغلاملىقىغا ‹‹ئىگە بولىدىغان ئادەم›› بار بولدى. لى چىن ھەر ئايدا ئۆيىگە بېرىپ سەييارە تەكشۈرۈش، ئادەتتىكى كىچىك كېسەللەرنى داۋالاش، كېلىشىپ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش، كېلىشىپ دوختۇرخانىدا يېتىش قاتارلىقلاردىن باشقا، ھەتتا دورا سېتىۋالىدىغان ئىشلارنىمۇ كۆتۈرە ئالدى. ليۇ شىگاڭنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگىنى شۇكى، قاچانلا بولسۇن، لى چىنغا دوختۇرخانىدا ياتىدىغانلىقىنى ئېيتسىلا، ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككىنچى كۈنى، لى چىن دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، ئەكىلىپ بەردى. ليۇ شىگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ، مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىشىم، لى دوختۇرنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇلۇڭتوغراق يېزىلىق شىپاخانا يەنە بىر قىسىم ھەق ئالىدىغان تۈرلەرنى ھەقلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتكە قوشتى، ھەر بىر ئادەم يىلىغا 28 يۈەن ياكى 52 يۈەن تاپشۇرسىلا، 500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە بولغان داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى، بۇ، ئېلېكتىروكاردىيوگرامما تەكشۈرۈشى، DR تەكشۈرۈشى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا ئاپىرىپ–ئەكىلىش، ئوكسىگېن قاچىلاپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى