تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ۋەتەننى سۆيۈشنى يۇرتنى سۆيۈشتىن باشلايلى

خوۋيەن

  رەڭگارەڭ نۇرلارغا چۆمۈلگەن ئۈرۈمچى، چىراغ نۇرلىرى چاقنىغان قاراماي، قۇياش نۇرىدا پارلاپ تۇرغان كۆركەم خوتەن، رەڭگارەڭ ‹‹سەككىز بۇرجەكلىك شەھەر›› تېكەس... يېقىندا، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹يۇرتۇمنى باش بەتكە چىقىرىمەن›› پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، بىردەمدىلا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن تورداش بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسىنى بەس–بەستە سۈرەتكە تارتىپ، ‹‹ئەڭ گۈزەل يۇرتۇم›› مۇسابىقىسىگە بەس–بەستە قاتناشتى. كۆڭۈل قويۇپ تارتىلغان بۇ سۈرەتلەردە كىشىلەرنىڭ يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي تىلىكى ئىپادىلەنگەن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى يۇغۇرۇلغان.

  شىنجاڭ 23 مىليون ھەر مىللەت ئاكا–ئىنى، ھەدە–سىڭىللارنىڭ ئورتاق ماكانى، كىشىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، يۇرتىغا باغلانغان چوڭقۇر رىشتىنى بايان قىلىشتى. بەزىلەر ئاكتىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشتى، بەزىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغاردى، بەزىلەر ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە پائال ئاتلاندى...يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەر بىر ھەرىكەت ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى غايەت زور ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

  بىز ئىشنى ھازىردىن باشلىشىمىز، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىز ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇشقا پائال ئاتلىنىشتا يەنىمۇ نامايان قىلىپ، خىزمەت ئورنىمىزدا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەر بىر سۆز–ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يۇرتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. گۈزەل شىنجاڭ تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم بولسا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەممىمىز تېخىمۇ بەختلىك بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى