9-ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى رۇيشۆ بېلىقچىلىق ئېكولوگىيە ساياھىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى كۆلدە بېلىق تۇتماقتا. بۇ ناھىيە بېلىقچىلىقتىكى باشلامچى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ باقمىچى ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزدى. 2018 – يىلى پۈتۈن ناھىيە بويىچە سۇ مەھسۇلاتلىرى سودا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 8650 توننىغا، بېلىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 190 مىليون يۈەنگە، بېلىقچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ 16 مىڭ 960 يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى