تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

[بەخت كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ] نۇرتاي بايدۆلەت: كەنت ئاھالىلىرىنى تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن بېيىش يولىغا يېتەكلەيمەن

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭرەن خەۋىرى: «بۇ تۆگە سۈتىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى يېڭىلا قۇرۇلدى، ھازىر 50 كىلوگىرام قېتىقنى ئۈچ كۈندىلا سېتىپ بولىمەن، يەنە بىر ئاز كىرگۈزەي دەۋاتىمەن» دېدى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بورلاتا شەھىرى جىڭشيۇ مەھەللىسىدىكى جىڭشيۇخۇڭ تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنى ۋاڭ تىڭ ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇخبىرغا.

  ۋاڭ تىڭ گېپىنى قىلىۋاتقان تۆگە سۈتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسى توتو بازىرىنىڭ گۇرتۇ چارۋىچىلىق كەنتىدىكى «بايەن» ئالاھىدە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن كەلتۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 100 تۆگە بار، كوپېراتىپ كۈندە ئۆتكۈزىدىغان سۈت مىقدارى 40 كىلوگىرام بولۇپ، بۇنىڭدىن 1200 يۈەن كىرىم قىلىنىدۇ، مەبلەغ 1 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

  «ھازىر كىشىلەر تۆگە سۈتىنىڭ پايدسىنى بىلىپ بولدى، ئېھتىياج ئاشقاچقا، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ» دېدى بۇ كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى نۇرتاي بايدۆلەت مۇخبىرغا.

     نۇرتاي 2009-يىلى، يەنى باقمىچىلىق كەسپىنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ 200 مو ئوت-چۆپ يېرىنى ئىجارىگە بېرىۋېتىپ، 300 تۇياق قويىنى سېتىۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، بىر كىلوگىرام تۆگە سۈتىنىڭ باھاسى 15 يۈەن بولۇپ، بىر تۆگە ئالتە ئايلىق ئېمىتىش مەزگىلىدە ئىگىسىگە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ بېرەتتى، بىر كىچىك تۆگىنى 3000 يۈەنگە ساتقىلى بولاتتى.

  ئەقىللىق نۇرتاي بۇ ھېساباتنى ئىنچىكە قىلىپ، تۆگە بېقىشنىڭ يەر تېرىش، كالا-قوي بېقىشتىن مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئۇ ھەر بىرىنى 7000 يۈەندىن جەمئىي 15 تۆگە سېتىۋېلىپ، تۆگە باقمىچىلىقىغا كىرىشىپ كەتتى، 2015-يىلى «بايەن» ئالاھىدە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، 150 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، يەنە 20 تۆگە سېتىۋېلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى تۆگىلەرنىڭ سانىنى 47گە يەتكۈزدى.

  نۇرتاي 2016-يىلى باقمىچىلىقتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. تۆگە بېقىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كۈندىلىك تۆگە سۈتى مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان بولسىمۇ، ئۇ تىجارەتنى چۈشەنمىگەچكە، تۆگە سۈتى سېتىشنىڭ ئاساسلىق يولى بىۋاستە سېتىش ۋە ئائىلىگىچە يەتكۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى، لېكىن يىراقتىكىلەر قىلغان زاكازغا ئامال قىلالمايتتى. بىر تەرەپتىن ئالدىراشچىلىقتا يىراقتىكى زاكازلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋاقىت يەتمىسە، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ساقلاش ئۈسكۈنىسى بولمىغاچقا سۈتلەر بۇزۇلۇپ قالاتتى. ئۇ ئامالسىز شۇ كۈنى سېتىلمىغان سۈتلەردىن قېتىق ياكى قۇرۇت ئۇيۇتۇۋېتەتتى. بۇنداق كۈننى ئۇ ئىككى يىل داۋاملاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى زىيانغا ئۇچراتتى.

  2018-يىلى 2-ئايدا، بورتالا ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى بىلەن گۇرتۇ چارۋىچىلىق كەنتى ئالاقە ئورناتتى.  بورتالا ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى 30 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، نۇرتايلارنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىككى توننا سۈتنى 10 كۈن يېڭى پېتى ساقلايدىغان ئۈسكۈنە ئېلىپ بەردى، ئارقىدىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئىلى «قار لەيلىسى» سۈت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، يېڭى خام تۆگە سۈتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىكلىدى..

  نۇرتاي بۇ نەتىجىلەردىن خۇشال بولدى، ئىلھام ئالدى، بىراق مەغرۇرلىنىپ كەتمىدى، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئەزالارنى ئاكتىپ ئۆگىنىپ، تۆگە بېقىش ئۇسۇلى ۋە تۆگە سۈتى سېتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى، بورتالا شەھىرى، شىخۇ شەھىرى، جىڭ ناھىيەسىدە تۆگە سۈتىنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، تور ئارقىلىق سېتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئايلق سېتىش سوممىسىنى 36 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.

  نۇرتاي مۇنداق دېدى: بىر ئادەم باي بولسا، باي بولغان ھېسابلانمايدۇ، مەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەن بىلەن بىرگە باي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ئۇ بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن 53 تۇياق نامراتلىقنى يۆلەش تۆگىسىنى ھۆددىگە ئېلىش كېلىشىمى تۈزۈپ، بەش يىل ۋاقىتتا، ھەر يىلى 45 نامرات ئاھالە ئۈچۈن 70 مىڭ يۈەن تەرەققىيات تاپاۋەت سوممىسى بېرىشكە كېلىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى