جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-دۇبەي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ
مۇھەررىر :
بۇئايشەم راخمان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/09/17 11:02
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىركەت 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-دۇبەي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى جاي ئارىسىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئېكسكۇرسىيە-ساياھەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، CZ6069/70 بەلگىلىك ئايروپىلان ئۈرۈمچى-دۇبەي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە ئۇچىدىكەن. ئايروپىلانغا 320دىن كۆپ يولۇچى سىغىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر :
قۇربانجان قېيۇم
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.