بورتالا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قۇرمانجان
پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، ۋەتەننىڭ كۆيۈنۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. مېنىڭ بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، بىرىنچى سەپ ‹‹جەڭچىسى›› بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، پوزىتسىيەمنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ، مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي، كەسكىن كۈرەش قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش مەسئۇلىيىتىم، مەجبۇرىيىتىم بار.
تەشۋىقات–ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مەھكەم يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ىنى ياخشى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، چوڭ قائىدە، چوڭ لوگىكا، چوڭ ئالدىنقى شەرتنى ئېنىق سۆزلەپ، خاتا ئىدىيە، خاتا گەپ – سۆزلەرنى چوڭقۇر تەنقىد قىلىپ ۋە سېسىتىپ، تۈرلۈك ئەكسىيەتچىل ئىدىيە، خاتا گەپ–سۆزلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن يوقىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمەن.
مەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي، كەسكىن زىممەمگە ئېلىپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل غەرىزىنى چوڭقۇر پاش قىلىشقا، تەنقىدلەشكە پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىرادىسىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل–كېسىل تازىلاپ، رەزىللىكنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، يىلتىزىدىن قۇرۇتىمەن.
پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، گۈزەل يۇرت–ماكانىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئىرادەمنى چىڭىتىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاكىز يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.