تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چيۇ خۇيلىڭ بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ۋېي خۇڭپىڭ

   ئىللىق چىراي، چېچەن، چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىدىغان 42 ياشلىق چيۇ خۇيلىڭ ئالىي ئىنژېنېر بولسىمۇ، يېڭى شەيئىلەرگە ھېلىھەم قىزىقاتتى، ئۇ تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۈندىدار سودىسىغا كىرىشىپ قېلىپ، بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

   چيۇ خۇيلىڭ ئىزچىل كارخانىدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، تۇرمۇش رىتىمى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى، بىراق ئۇ نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈندىدار سودىسىدا كۆپ پۇل تاپتىم، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرمۇش ئېھتىياجىمنى قاندۇردۇم، تۇرمۇش چەمبىرىكىممۇ كېڭەيدى.

   ئۈندىدار سودىسى قىلىش تاسادىپىي بولغان ئىش، چيۇ خۇيلىڭنىڭ ئاچىسى ئۇنىڭغا ئاياللار بۇيۇمىنى تونۇشتۇرغان، چيۇ خۇيلىڭ زاۋۇتنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە سىناپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئادەتتە ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان داڭلىق ماركىلىق بۇيۇمغا قارىغاندا ئۈنۈمى ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن چيۇ خۇيلىڭ بۇنى دوستىغا تەۋسىيە قىلغان ھەم ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلەپ بەرگەن، ئويلىمىغان يەردىن دوستى شۇ ۋاقىتتىلا پۇل تۆلەپ بىر قاپ سېتىۋالغان. چيۇ خۇيلىڭ ئەينى چاغدا سەل گاڭگىراپ قالغان: ‹‹ئۇنداقتا بۇ ئۈندىدار سودىسى ھېسابلىنامدۇ؟›› چيۇ خۇيلىڭ مۇشۇ خۇشاللىق ئىستىكىدە، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە بۇ مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىغان، 2016 – يىلى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چيۇ خۇيلىڭ ئۈندىدار سودىسى يولىغا ماڭغان.

   چيۇ خۇيلىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دوستلار چەمبىرىكىدە مەھسۇلات تونۇشتۇرۇشىنى تەكرار – تەكرار ئەۋەتىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، مەن ئۈندىدار سودىسىدا ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن، سىزنى ياقتۇرىدىغان كىشى سىز تونۇشتۇرغان مەھسۇلاتنى ياقتۇرىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى بوش ۋاقتى چىقسىلا، دوستلار چەمبىرىكىگە ھېس قىلغانلىرى، كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرى ۋە مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشتىكى ئەپچىل چارىلىرىنى چىقىرىدۇ، يېڭى مەھسۇلاتنى ئۇچرىتىپ قېلىپ تونۇشتۇرۇشقا توغرا كەلسىمۇ، دوستلار چەمبىرىكىدە تەكرار – تەكرار تونۇشتۇرمايدۇ، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرىدۇ، دوستلار چەمبىرىكىدىكى دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭ مەھسۇلاتىغا بولغان تەسىراتى ياخشى. ئۇ يەنە: نۇرغۇن ناتونۇش كىشى ئۈندىداردا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەھسۇلاتىمنى سېتىۋالىدۇ، دېدى.

   چيۇ خۇيلىڭ ئۈندىدار سودىسى قىلىشنى يېڭى باشلىغاندا، دوستلار چەمبىرىكىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ھەممىلا يەردە ئۈندىدارىغا باشقىلارنى قوشۇۋالىدىغانلىقىنى، مەسىلەن، بالىسىنى دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ بارغاندا، ئۇ ئەتراپىدىكى كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى ئۈندىدارىدىكى ياخشى دوستلار قاتارىغا قوشۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چيۇ خۇيلىڭنىڭ تىرىشىپ ‹‹قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتىش››ى ۋە مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ھازىر ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى دوستلىرى 1600دىن ئاشتى، ئۇلار چيۇ خۇيلىڭ ۋاكالەتچىلىك قىلغان مەھسۇلاتنىڭ ئىستېمالچىلىرىغا ئايلاندى.

   ھەش – پەش دېگۈچە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، چيۇ خۇيلىڭ بوش ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۈندىدار سودىسىنى بارغانسېرى روناق تاپقۇزدى، خېلى كۆپ كىرىممۇ قىلدى. چيۇ خۇيلىڭ مۇنداق دېدى: كىرىمىڭىز كۆپەيگەندىن كېيىن، قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلالايدىكەنسىز، بۇ يىل دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، ئاتا – ئانامنى ئېلىپ ساياھەت قىلىپ كەلدىم.

   ھازىر چيۇ خۇيلىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئالغان مەھسۇلاتنىڭ تۈرى كۆپەيدى، لېكىن ئۇ باشتىن – ئاخىر ياخشى مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى، ئۇ ھەربىر مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆزى ئىستېمالچى بولدى، سىناپ ئىشلىتىپ ياخشىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاندىن دوستلار چەمبىرىكىدە تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئارزۇيۇم بولسىلا، ئۇنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى