لىتىي مول بولغان گىگانت يۇلتۇزنى بايقاش ئىسخېمىسى (جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)
خەلق تورى خەۋىرى: يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى باشچىلىقىدىكى تەتقىقات كوللېكتىپى دۆلەتنىڭ چوڭ پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى بولغان «گو شوۋجىڭ» تېلېسكوپىغا تايىنىپ غەلىتە بىر ئاسمان جىسىمىنى بايقىغان، بۇ ئاسمان جىسىمى سامان يولى سىسىتېمىسى ئەتراپىدىكى يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمىگە «جايلاشقان» بولۇپ، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 4500 يورۇقلۇق يىلى كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ 1.5 ھەسسىسىدىن سەل تۆۋەن ئىكەن، ئەمما لىتىي ئېلېمېنتى مىقدارى قۇياشنىڭ 3000 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئاسمان جىسىمى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان لىتىي ئېلېمېنتى مىقدارى ئەڭ مول گىگانت يۇلتۇز ھېسابلىنىدىكەن.