شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە مەملىكىتىمىزدە ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىلىش مىقدارى داۋاملىق تۆۋەن نىسبەتتە ئېشىشنى ساقلاپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 504 مىڭ ۋە 496 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %85 ۋە %97.1 ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا تېز سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتى كۆرۈلگەن.
جۇڭگو ئاپتوموبىل جەمئىيىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 382 مىڭ ۋە 373 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71 ۋە %82.4 بولغان؛ توكقا چېتىلىدىغان ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 122 مىڭ ۋە 123 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %148.9 ۋە %160.9 ئاشقان.
1-ئايدىن 7-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزدە ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىلىش مىقدارى 16 مىليون 100 مىڭ 300 ۋە 15 مىليون 954 مىڭ 700 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.52 ۋە 4.33% ئاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، جۇڭگو ماركىسىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغانلىرى چاڭئەن، جىلى، دۇڭفىڭ، بېيچى، چاڭچىڭ، چىرۈي، يىچى، گۇاڭچى ۋە جياڭخۈەي قاتارلىقلار ئىكەن.