شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، «پارلاق ئەتىسى» ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ماكانلاشتى. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 38 كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز ياشلار، ئۆسمۈرلەر «پارلاق ئەتىسى» پاراۋانلىق تۈرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى، 40 كۈنلۈك داۋالاشقا كېتىدىغان 8000 يۈەنلىك چىقىمىنىڭ ھەممىسى ھەقىسز بولدى.
بۇ دوختۇرخانىنىڭ «پارلاق ئەتىسى» ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى «پارلاق ئەتىسى» پاراۋانلىق تۈرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ھېسابلىنىدىكەن. بۇ دوختۇرخانا بېيجىڭ «پارلاق ئەتىسى» بالىلار كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى ئەسلىھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز، ئالىغاي، يېقىننى كۆرەلمەيدىغان، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان، نۇر يىغالمايدىغان 18 ياشتىن تۆۋەن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى داۋالايدىكەن.