تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستى 2018–يىلى يېڭىدىن 369 مىڭ مو كۆلەمدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىدۇ

  ئۆز خەۋىرىمىز: رايون، ئوبلاستلىق مالىيە بۇ يىل 190 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ سانجى ئوبلاستىدا 26 يەر تۈزەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 369 مىڭ مو كۆلەمدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر، يىل بېشىدىن باشلاپ قۇرۇلۇش باشلانغان 11 تۈردە 79 مىڭ مولۇق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنىڭ %70ى تاماملاندى؛ 7-ئايدا خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى تاماملانغان ئومۇمىي كۆلىمى 290 مىڭ مو كېلىدىغان 15 تۈردە ھازىر قۇرۇلۇش باشلىنىپ بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، سانجى ئوبلاستى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە يەر تۈزەش پىلانىغا ئاساسەن، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش تۈرلىرىنى يېزىلاردىكى يەرلەرنى نۇقتىلىق تۈزەش رايونى ۋە ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقلارنى قوغداش رايونلىرىغا قارىتىدىكەن؛ قۇرۇلۇش جەھەتتە، ئېتىز، سۇ، يول، ئورمان ۋە ئۆستەڭنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ھالدا سۇغىرىش سۇ چىقىرىۋېتىش، تۇپراقنى ياخشىلاش، ئېتىز يولى، ئېتىز-ئېرىقلارنى مۇداپىئە قىلىش، توك تەقسىملەش ئەسلىھەلىرى، پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە قۇرۇلۇشتىن كېيىنكى باشقۇرۇپ قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن؛ قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە مەسئۇل بولۇش، قاتلام بويىچە باشقۇرۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش جەريانىدىكى تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بۇرۇنراق تاماملىنىپ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلغان؛ ئوبلاست بويىچە بەرپا قىلىنىپ بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلار 2 مىليون 300 مىڭ مو بولۇپ، 6 مىليون 654 مىڭ مولۇق تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %34.6 ىنى ئىگەللىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى