تىيانشان تورى ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ۋاڭ رودەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز چېن خۇي خەۋىرى: چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسى يۇلغۇنئېرىق كەنتى ئاھالىلەر پائالىيەت مەركىزىدە 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئالقىشلار ياڭرىدى، چاقىلىق ناھىيەلىك مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئۇتام يېزىسى يۇلغۇنئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاياللار بىرلەشمىسى، كەنت ئىتتىپاق كومىتېتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە «بىز ئانارنىڭ بىر تال ئۇرۇقى، ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشلىرى» باش تېمىسىدا بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆپچىلىك ئاكتىپ قاتنىشىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە يارىتىش، گۈزەل يۇرت-ماكاننى بىرلىكتە بەرپا قىلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا جەلپ قىلىندى.
يۇلغۇنئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىلجان مەمەت مۇنداق دېدى: «ساغلام، ياخشى، كۆپ خىل دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق كەنت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەممە ئادەم قەدىرلەيدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەممە ئادەم قوغدايدىغان قۇيۇق كەيپىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرىمىز».