تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى سېنېگالدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتىمىز

——شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى سېنېگالدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، داكار، 7–ئاينىڭ 21–كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شىڭ جيەنچياۋ، چېن چېن). سېنېگال جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7–ئاينىڭ 20–كۈنى سېنېگالدا چىقىدىغان ‹‹قۇياش گېزىتى››دە ‹‹جۇڭگو بىلەن سېنېگالنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرايلى›› سەرلەۋھىلىك ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. شى جىنپىڭ ماقالىسىدە جۇڭگو–سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ھالقىغانلىقىنى ھەم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   سېنېگال تاراتقۇ بىناسىنىڭ مەسئۇلى بارا ئېندىيايا ئىمزالىق ماقالىنى تولۇق ئوقۇغاندىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ ئىمزالىق ماقالىنى ئافرىقىنى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان رەھبەر يازغان، رەئىس شى جىنپىڭ ماقالىسىدە ‹‹چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو–سېنېگال مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى.

   سېنېگال داكار داشۆسى سىياسىي ۋە قانۇن پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ئامادۇ ئابدۇللايې دىئوپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە ‹‹سېنېگال بىلەن جۇڭگو باراۋەرلىك، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ›› دېدى، بۇ، سېنېگالنىڭ خەلقئارا ئورنىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقۇسى.

   شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە جۇڭگولۇقلار دائىم ئېيتىدىغان ‹‹مەن ھەممە ئۈچۈن، ھەممە مەن ئۈچۈن›› دېگەن سۆز بىلەن ۋولوفلاردىكى ‹‹ھەر بىر كىشى باشقىلارنىڭ تەسەللى بەرگۈچىسى›› دېگەن گەپنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جۇڭگو سېنېگالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئەزەلدىن خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ، ئوخشاش تارىخىي قىسمەتلىرى بار، ئورتاق تەرەققىيات ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلگەن، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئورتاق ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن، دەپ كۆرسەتتى.

   سېنېگال داكار داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سانا باگى بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سېنېگالغا ناھايىتى كۆپ مەدەت ۋە ياردەم بەردى، مەسىلەن، دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىنى سېلىپ بەردى، يول ياساپ بەردى، مەكتەپ قۇرۇپ بەردى. جۇڭگو يەنە بىزنى داۋالاش ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ يەرگە دوختۇر ئەۋەتتى، سېنېگاللىقلار جۇڭگوغا ناھايىتى رەھمەت ئېيتىدۇ.

   ئىمزالىق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى يېتەكچى، جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى سۇپا قىلىپ، سېنېگال بىلەن دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى، پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ، دېگەن مەزمۇنغا قارىتا، فايې مۇنداق دېدى: مەن سېنېگالنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا دۆلىتىمىز تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ. تېلېۋىزوردىن جۇڭگولۇقلارنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ناھايىتى ئامراقلىقىنى كۆردۈم، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقلارنىڭ سېنېگاللىقلار تۇتقان بېلىقلارنى يېيەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   سېنېگالدا ياشاۋاتقان چادلىق خەمىد يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى ئېچىش خادىمى. ئۇ، سېنېگال–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ پۈتۈن غەربىي ئافرىقا رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ئافرىقىنى ئۇچۇر تېخنىكىسى تەرەققىياتىغا پايدىلىق كونكرېت تەدبىرلەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   سېنېگال ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سېيسې ئىمزالىق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹مائارىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئەدەبىيات–سەنئەت تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇلار، ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتىش›› توغرىسىدىكى مەزمۇنغا ئىجابىي باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر تېخىمۇ كۆپ سېنېگاللىق ئوقۇغۇچى جۇڭگوغا ئوقۇشقا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى سېنېگالغا ئېلىپ كەلسە، دۆلىتىمىز تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلغان بولاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى