شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى: «ئېسىل تائاملار شەھىرى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن چېڭدۇدا پۇتبول مەستانىلىرى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە «ئاشپاقا»لىق ماھىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن بۇيان، چېڭدۇدا ئۇدا نەچچە كۈن قاتتىق يامغۇر ياغقان بولسىمۇ، چېڭدۇلۇق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كەچلىك غىزاغا بولغان ئىشتىياقى تۆۋەنلىمەستىن، بەلكى ئاشتى.
مۇخبىرنىڭ چېڭدۇ كوچىلىرىدىن بايقىشىچە، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە مەيلى جۇڭگوچە ئاشخانىلار، كاۋاپ يايمىلىرى ياكى چېڭدۇلۇقلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يەل قازان دۇكانلىرىدا بولسۇن، تېلېۋىزور بۇلارنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسىگە ئايلىنىپ، چېڭدۇلۇق پۇتبول مەستانىلىرىنى جەلپ قىلغان.
«ئالى بابا» قارىمىقىدىكى يەرلىك تۇرمۇش مۇلازىمەت سۇپىسى «كوۋبېي»نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، چېڭدۇلۇقلارنىڭ ئەمەلىي ئاشخانىلاردىكى يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال سېلىشتۇرما نىسبىتى %5 ئاشقان. ئەمەلىي ئاشخانىلاردىكى كەچلىك غىزا ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسى غەربىي رايوندىكى شەھەرلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
ئىستاتىستىكا قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياشلار يەنىلا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستېمالچىلار بولغان، «90-يىللاردا تۇغۇلغانلار» نىڭ چېڭدۇنىڭ كەچلىك غىزا ئىستېمالىغا قوشقان تۆھپىسى %56 بولغان، «80-يىللاردا تۇغۇلغانلار»نىڭ قوشقان تۆھپىسى %30 بولغان. ئەر-ئاياللار نىسبىتىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە چېڭدۇلۇق ئايال ئىستېمالچىلارنىڭ كەچلىك غىزاغا قوشقان تۆھپىسى %40تىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان.
7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن بۇيان، چېڭدۇدا ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر ئەمەلىي ئاشخانىلاردىكى ئىستېمالغا سەل تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن توردىكى كەچلىك غىزا ئىستېمال سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشقان. «مېيتۈەن»نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە چېڭدۇ رايونىدا كەچلىك غىزا زاكىزى ئادەتتىكى كۈنلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشقان، 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى كەچلىك غىزا زاكاز مىقدارىنىڭ ئېشىش دائىرىسى %16.9 بولغان.
«كوۋبېي»نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ راك لىچىنكىسى، پىۋا ۋە سۇرلانغان يېمەكلىكلەرنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ يېگەن.