تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە دائىر سەككىز تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە دائىر سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە:

  1. ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئاڭگىلىگ بازىرى تولى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ما شېنخۇانىڭ نامراتلارنى يۆلەش ياردەم مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى. ما شېنخۇا 2014-يىلى قوي سېتىۋېلىش رەسمىيىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق نەسىللىك چىشى چارۋا ياردەم مەبلىغىدىن 60 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان ھەم ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان؛ نامراتلارنى يۆلەش بوغاز سىيىر تۈرى مەبلىغىدىن 86 مىڭ يۈەننى تۇتۇپ قېلىپ، كالا سېتىۋېلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن تاماق، ياتاق، قاتناش قاتارلىق خىراجەتلەرگە چىقىم قىلىشقا ئىشلەتكەن. ما شېنخۇا 2017-يىلى 8-ئايدا نامراتلارنى يۆلەش كالىلىرىنى ھاۋالىلىك باقتۇرۇش ھەققىدىن 166 مىڭ 200 يۈەننى قولغا كەلتۈرۈۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 110 مىڭ يۈەننى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىغا ئىشلەتكەن، 56 مىڭ 200 يۈەننى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن سىرت، ما شېنخۇانىڭ قانۇن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. 2018-يىلى 4-ئايدا ما شېنخۇاغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  2. خوتەن ناھىيەسى سېغىزكۆل يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ياڭ مىننىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى قۇرۇلۇشىدىن تاپان ھەققى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى. ياڭ مىن 2017–يىلى 5–ئايدا 2016 – يىللىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى پۇلىنى راسچوت قىلىش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم قۇرۇلۇش خوجايىنىدىن 60 مىڭ يۈەن (ھەر بىر يۈرۈش ئۆي ئۈچۈن 1000 يۈەن، جەمئىي 60 يۈرۈش ئۆي) تاپان ھەققى ئالغان. بۇنىڭدىن سىرت، ياڭ مىننىڭ يەنە قانۇن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. 2018-يىلى 5-ئايدا ياڭ مىنغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  3. توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى ئويمەھەللە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى قۇربان مەمەتنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ياردەم پۇلى مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى. قۇربان مەمەت 2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، قائىدىگە خىلاپ ھالدا قىممىتى 45 مىڭ 400 يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش ماددىي ئەشيالىرىنى نامرات ئەمەس ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن. قۇربان مەمەت 2016-يىلى ئىككى يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنىڭ 61 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغىنى باشقىلارنىڭ نامىدا قولغا كەلتۈرۈۋالغان ھەم ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. بۇلاردىن سىرت، قۇربان مەمەتنىڭ يەنە قانۇن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. 2018-يىلى 5-ئايدا قۇربان مەمەتكە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  4. مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇرما يېزىسى تامدۆڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى داۋۇت ئاۋۇتنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى. داۋۇت ئاۋۇت 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بەش نامرات ئائىلىنىڭ نامىدا قائىدىگە خىلاپ ھالدا 140 مىڭ يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى ئېلىپ، ئۆزى قوتان سېلىشقا ئىشلەتكەن. بۇلاردىن سىرت، داۋۇت ئاۋۇتنىڭ يەنە قانۇن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. 2018-يىلى 4-ئايدا داۋۇت ئاۋۇتقا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  5. چىرا ناھىيەسى ئۇلۇغساي يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مەمەتجان مەتتۇردىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى. مەمەتجان مەتتۇردى 2016-يىلى 12-ئايدا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ساختا تالون كېسىش شەكلى ئارقىلىق ئۇلۇغساي يېزىسىنىڭ 2015-يىللىق 118 مىڭ يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 108 مىڭ يۈەننى يەر تۈزلەش، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئاشخانىسىنىڭ كۈندىلىك چىقىمى قاتارلىقلارغا ئىشلەتكەن، 10 مىڭ يۈەننى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن سىرت، مەمەتجان مەتتۇردىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. 2018-يىلى 5-ئايدا مەمەتجان مەتتۇردىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلدى، رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىمەيدىغان مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە چۈشۈرۈلدى.

  6. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى قۇداكەلدى مەجىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ياردەم مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرى. قۇداكەلدى مەجىن 2011-يىلى 4-ئايدىن 2015-يىلى 5-ئايغىچە، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ نامىدا بىر يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنىڭ 35 مىڭ 300 يۈەن ياردەم مەبلىغىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بەھرىمەن بولغان؛ شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىككى ئائىلىلىك تۇغقىنىنىڭ 72 مىڭ 500 يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ياردەم مەبلىغىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەكرار بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويغان. 2018-يىلى 4-ئايدا قۇدا كەلدى مەجىنگە بىر يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلدى.

  7. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاقدالا بازىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى مۇرات جۈمەنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەخسۇس مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش مەسىلىسى. مۇرات جۈمە 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، بۇ بازارنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى باشقۇرغان مەزگىلىدە، خىزمەتچىلەرنىڭ ساختا ‹‹ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش ياردەم مەبلىغىنى تىزىملاش جەدۋىلى››نى تولدۇرۇشىغا يول قويۇپ، 32 مىڭ 500 يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەخسۇس مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئاشخانىسىنىڭ كۈندىلىك چىقىمى قاتارلىق خىراجەتلەرگە ئىشلەتكەن. 2018-يىلى 6-ئايدا مۇرات جۈمەگە بىر يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلدى، دەرىجىسى ئىش بېجىرگۈچىلىككە تۆۋەنلىتىلدى.

  8. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بېيداچۈ يېزىسى ليۇداخۇ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ۋەلى شېرىپنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىش مەسىلىسى. ۋەلى شېرىپ 2017-يىلى 10-ئايدا نامراتلارنى يۆلەش قويى سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە 34 مىڭ 900 يۈەن قوي سېتىۋېلىش مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىپ، 10 مىڭ يۈەننى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. 2018-يىلى 5-ئايدا ۋەلى شېرىپكە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  يۇقىرىدىكى تىپىك دېلولاردا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنىڭ يەنە ئاسان، كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى، ئاز ساندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قولىنى تارتماي، نەپسىنى يىغماي، نامرات ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىلىرى يەنىلا گەۋدىلىك، بۇ مەسىلىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا زىت بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر داغ تەگكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى چىرىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسەتتى.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تۈپ تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى لايىھەسىنىڭ تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىپ، تەدبىرنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك ئىنتىزام ۋە ياخشى ئىستىل بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى