تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز ـ ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

جىمىسار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما جياپىڭ

   مەن ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلىسەم، ھەر مىللەت قولۇم–قوشنىلار ئېجىل–ئىناق، ئۇرۇق–تۇغقاندەك بىر–بىرىگە كۆيۈنۈشۈپ ئۆتەتتى، سېنىڭ، مېنىڭ، دەپ ئايرىمايتتى.

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارازلىق سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئاپەت گىردابىغا ئىتتىرىش. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

   پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولدى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. لېكىن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بۇ چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى خالىماي، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئالدىدا، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

   ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە مېنى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلدى.

   مەن سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن–ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئېتىقادىمدىن قەتئىي تەۋرەنمەيمەن، سىياسىي مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرىمەن، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەيمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، باشتىن–ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، ئىچىم بىلەن تېشىم بىردەك بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە باشتىن–ئاخىر سادىق بولىمەن.

   مەن باشتىن–ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىم، ئىش ئورنى ئېڭىم، بازا ئېڭىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

   باشتىن–ئاخىر مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولىمەن. بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز–ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئىشچى–خىزمەتچىلەر بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى