تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يۈزدىكى بۇ ئويمانلار ئادەمنى چوڭ چىراي كۆرسىتىپ قويىدۇ

    يۈز قىسمىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى، تېرىنىڭ بوشىشىپ كېتىشى ۋە قورۇقنىڭ پەيدا بولۇشى قېرىغانلىقنىڭ ئۈچ چوڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلەر قاراشقا يېقىشلىق كۆرۈنمەيلا قالماي يەنە، تەڭتۇشلاردىن چوڭ چىراي كۆرۈنىدۇ.

    بۇرۇن-كالپۇك ئېرىقچىسى ئويمان بولۇش
    كىشىلەر كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان ئاياللار تەلەيلىك بولىدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمما بۇنداق ئاياللارنىڭ بۇرۇن-كالپۇك ئېرىقچىسى چوڭقۇر بولىدۇ.
    ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرىدىكى كوللاگېنلىق ئاقسىل ۋە سۇنىڭ تەركىبى بارغانسىېرى ئازلاپ كېتىدۇ. تېرىدىكى مايمۇ يىگىلەپ ساڭگىلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرە بوشىشىپ قېرىيدۇ، نەتىجىدە پەرمان سىزىقى (法令纹) پەيدا بولىدۇ.

    چېكە ئويمان بولۇش
    چېكە قىسمىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى يۈز قىسىمىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چېكە ئويمان بولسا، مەڭز سۆڭىكى ئېگىز كۆرۈنۈپ قالىدۇ. چېكىنىڭ ئويمان بولۇشى يۈزنىڭ ئۈستى قىسمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمگە خۇددى بېشى كىچىك يۈزى يوغان ھەم رەھىمسىزدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

    مەڭز مۇسكۇلى ئويمان بولۇش
    مەڭز مۇسكۇلى كۆزدىن ئىككى سانتمېتىر تۆۋەن ئورۇنغا جايلاشقان مۇسكۇل توقۇلمىسى بولۇپ، تەتۈر ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە، بۇ مۇسكۇل يەنە «كۈلكە مۇسكۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    مەڭز مۇسكۇلى ئويمان كىشىلەر كۈلگەندە كىشىگە ئانچە يېقىشلىق تەسىر بېرەلمەي قالماي، ئەكسىچە يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان تەسىر بېرىپ قويىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ مەڭز مۇسكۇلى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تېز ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇشلىرىدىن چوڭ كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

    پىشانىسى ئويمان بولۇش
    ئەگەر پىشانە بەك كىچىك ياكى ياپىلاق بولسا، ھەتتا ئويمان بولسا قاراشقا ئادەم جانسىز، ئەمەلىي يېشىدىن چوڭ چىراي كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى