تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەش كېرەك

  ـــــ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچى ماقالىسى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئىگىلەشتە توغرا تارىخ قارىشى، ئومۇملۇق قارىشى، رول قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

  چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىلار جەزمەن ئالدى بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزىتىشى كېرەك. ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ۋەزىيەتنى تونۇش، ۋەزىيەتنى ئىگىلەش تاشقى ئالاقە سىياسەت – فاڭجېنلىرىنى ئىلمىي تۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

  تارىخ جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە بولغان ھەر بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ھالقىشىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ناھايىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئۇزاق مۇددەتلىك جاپا – مۇشەققەتلىك، مىسلىسىز كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. بىز يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدۇق، لېكىن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مۇقەررەر ھالدا تۈرلۈك قىيىن مەسىلە ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىمىز، جەزمەن دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدا تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشىمىز كېرەك.

  ئومۇملۇق جەھەتتىن قارىغاندا، دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات ھېلىھەم دەۋر باش تېمىسى، ھازىرقى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ھەممىسى تىنچلىق بىلەن تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىز تىنچ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  رول جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ. جۇڭگونىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا، دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان تەسىرىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۆزىمىزنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنياغا پۇرسەت يارىتىشىمىز، شۇنداقلا دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىمىز كېرەك.پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن پارتىيە 20 – قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ تارىخىي كېسىشىش مەزگىلى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدە ئالاھىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. بىز ھەم دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەش يۈزلىنىشىنى ئىگىلىشىمىز، ھەم چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىدەك ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھەم ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش سىجىل تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلىشىمىز، ھەم دۇنيا ئىقتىساد ئەندىزىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھەم خەلقئارا مۇھىتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش يۈزلىنىشىنى ئىگىلىشىمىز، ھەم خەلقئارا خەۋپسىزلىك خىرىسىنىڭ چىگىش ۋەزىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھەم تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يۈزلىنىشىنى ئىگىلىشىمىز، ھەم ئوخشاش بولمىغان ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا داۋالغۇشىدەك رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىنىڭ كېسىشىش مەزگىلى ۋە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش ئۆتكۈنچى مەزگىلىنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىشىدىن پەيدا بولغان تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە جەزمەن زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسئۇلىيەت.

  ‹‹دانالار ۋاقىتقا قاراپ ئۆزگىرەلەيدۇ، بىلگۈچىلەر ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرەلەيدۇ››. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش ۋە ئۇنىۋېرسال پىلان تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىلىق ياخشى تاشقى مۇھىتنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تاشقى ئالاقە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى