بىرىنچى سەۋەبى
دانىخورەكنىڭ تەكرار پەيدا بولۇشى دانىخورەكنى داۋالاش مەھسۇلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى دانىخورەكنى داۋالاش مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن تەر تۆشۈكچىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، مكروب ئۆلتۈرۈش ۋە ياللۇغنى تىزگىنلەش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئىشلىنىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى باسقۇچنى ئورۇنداش بىرقەدەر ئاسان. تەر تۆشۈكچىلىرىنى راۋانلاشتۇرىدىغان ۋە مىكروب ئۆلتۈرىدىغان تەركىبلەر كۆپ. مەسىلەن، سالىتسىلات كىسلاتا (水杨酸)، ئازېلات كىسلاتا(壬二酸)، گىلىكولىك كىسلاتا (甘醇酸) قاتارلىقلار قېرىغان مۈڭگۈز قەۋىتى (ئۆلۈك تېرە) نى تازىلاپ، تەر تۆشۈكچىلەرنى چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە تازىلايدۇ. دانىخورەكنى پەيدا قىلغان باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوكسىگېندىن قاچقۇچى باكتېرىيە بولغاچقا، پەقەت تەر تۆشۈكچىلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوكسىگېننى تۈك خالتىسىغا كىرگۈزسىلا، بۇ خىل باكتېرىيەلەر يوقايدۇ. ئەگەر باكتېرىيە يوقىمىغان بولسا باكتېرىيە يوقۇتقۇچى تەركىب ئىشلەتسە بولىدۇ.
دانىخورەك يوقۇتۇشتا ئەڭ قىيىن بولغىنى «ياللۇغ» نى ياندۇرۇش، يۈزدىكى قىزىللىق تېرە ياللۇغلىنىپ قالغانلىقىنىڭ، تېرە توقۇلمىلىرى زەخمىلەنگەندىن كېيىن، ئىچكى توقۇلمىلارنىڭ باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، زەخمىلەنگەن توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەرىكەتلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
تېرە ياللۇغلانغان مەزگىلدە، كۆپ مىقداردا قارا پىگمېنت پەيدا بولىدۇ. ئەگەر تېرىنى مۇۋاپىق ئاسرىمىسا، پىگمېنتلار ئاسانلا تېرە ئاستىغا چۆكۈپ، دانىخورەك ئىزى قالىدۇ. قىسمەن سودىگەرلەر تېز سۈرئەتتە ياللۇغنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، مەھسۇلاتىغا ھورمون قوشۇۋېتىدۇ. دەسلەپتە ياللۇغ يانغاندەك قىلسىمۇ، مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشنى توختاتسا، ياللۇغ يەنە قوزغىلىدۇ.
ئىككىنچى سەۋەبى
بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى رېتىمى قالايمىقان، تېرىنى ئاسراش ئۇسۇلى توغرا بولمىغانلىقتىن دانىخورەك چىقىدۇ. بۇنداق كىشىلەر دانىخورەك يوقىغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى ئازابلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، بۇرۇنقى تۇرمۇش رېتىمىگە كىرىۋالىدۇ. دائىم كەچ ئۇخلاش، يېمەكلىكنى تىزگىنلىمەسلىك، تېرىنى ياخشى ئاسرىماسلىق دانىخورەكنى قايتا پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر دانىخورەك قايتا پەيدا بولسا سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەيدۇ.
ئۈچىنچى سەۋەبى
قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئاجراتمىسى، مېتابولىزم ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكتىن، تېرە ماينى كۆپلەپ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بەدەننىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى ياخشىلانمىسا، دانىخورەك تەكرار چىقىدۇ. مەسىلەن: ئادەت مەزگىلىدە دانىخورەك چىقىدۇ.
بۇنداق ۋاقىتتا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەش كېرەك.