ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرىنى بىرلىكتە بايان قىلدى.
ھەر مىللەت كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى ئېلىپ بالدۇرلا پائالىيەت مەيدانىغا كېلىپ، يېقىنقى ئىككى كۈنلۈك خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، تۇغقىنىنىڭ بالىسىنىڭ بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەھۋالىنى سوراشتى... خۇشال كەيپىيات پائالىيەت مەيدانىنى بىر ئالدى، ھەربىرەيلەننىڭ چېھرىدە خۇشاللىق تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى.
بۇ قېتىملىق دوستلۇق پائالىيىتىدە بەش كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچى ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھېكايىلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى، بەزىلىرى تۇغقانلىرىغا ئۇزاققىچە دورا يەتكۈزۈپ بەرگەن، بەزىلىرى كىچىك دوستلىرى بىلەن مەكتەپكە بېرىپ تەڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن، يەنە بەزىلىرى تۇغقىنىنىڭ بالىلىرىنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى.
شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ غەربىي شىمال يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى سۈن شاشا ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قوشماقلاشقان تۇغقىنىم پاتەم نىياز بىلەن ئادەتتە دائىم ئالاقە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز، بۇ يىل پاتەم نىيازنىڭ نەۋرە قىزى شەكىلە ھۈسەنجان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدى، قىزچاقنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن، يېقىن ئەتراپتىكى ماتېماتىكا كونسۇلتاتسىيە سىنىپىدىن شەكىلە ھۈسەنجانغا ماتېماتىكىنى ھەقسىز تەكرار قىلىپ بېرىشنى ئوقۇشۇپ بەردىم، يېرىم يىلغا يېقىن تولۇقلاپ ئۆگىنىش ئارقىلىق شەكىلە ھۈسەنجاننىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسىدە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش بولدى.
«ئاغرىپ قالسام شاشا قىزىم ماڭا دورا ئەكىلىپ بەردى، قىشتا ئۆي ئازراق سوغۇق ئىدى، قىزىم ماڭا توكلۇق پار ئەكىلىپ بەردى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش› پائالىيىتىدە شۇنداق ياخشى قىزىمنى ماڭا تونۇشتۇردى». پاتەم نىياز سەھنىدە چىقىپ لېكسىيە سۆزلىگەنلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى.
شەھەرلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ جۇڭتەي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى خۇ چىڭچىڭ تۇغقىنى ئاتىكەم مىجىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇغقىنى بىلەن بىللە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تۇغقىنىغا سۆزلەپ بېرىپ، تۇغقىنىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
پائالىيەت مەيدانىدا قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئالاھىدە بىر سوۋغات تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ بولسىمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھيەسى توققۇزاق بازىرى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئىدى، كۆپچىلىك رەسىمنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
شەھەر رەھبەرلىرىدىن ئەكبەر تۇرغۇن، سۈي رۇڭلار تۇغقانلىرىنى ئېلىپ كېلىپ دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە 2018-يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى ۋە 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كەشتە قاتارلىق ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتتى.