ھېسسىيات جەھەتتە ھېچكىم بەدىلىگە تۇشلۇق ئېرىشىمەن، دەپ ئېيتالمايدۇ، چۈنكى يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا بىز ئېرىشىشكە بەكرەك تەلپۈنىمىز. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا ئەر-ئايال بىر-بىرىگە سەمىمىي بولسا، تۇرمۇش بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ھېسسىيات ھامان سۇسلىشىدۇ، خۇددى ئىناۋەتلىك كارتىغا قەرەلىدە پۇل قايتۇرمىسا توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلىگەندەكلا.
ھازىرقى دەۋر ئىناۋەت دەۋرى. ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا ئىناۋەت كارتىسى بار، تۇرمۇش قولايلىق، كارتا بىلەن ئەتىدىكى پۇلنى ئىشلىتىپ بۈگۈنكى ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
دوستۇم ئۇشتۇمتۇت شۇنداق سوئال سورىدى: ناۋادا ئائىلىدىمۇ ئىناۋەت كارتىسى بولسا، توي خېتى بىلەن بىللە قولىمىزغا تارقىتىلسا، مۇھەببەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەش بىلەن ئېرىشىش باراۋار بولىشى مۇمكىنمۇ؟
لې لې مۇنداق دېدى: بۇ، بىزنىڭ جورىمىز تەرىپىدىن ياخشى مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا، ئوخشاشلا ئۇنىڭغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىدىن، بولمىسا مۇھەببەت ئىناۋىتىمىزگە تەسىر يېتىپ، مۇھەببەت ھوقۇقىدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئىقتىدارلىق ئايال جىن مېي مۇنداق دېدى: تۇرمۇشتا راستلا ئىناۋەت كارتىسى بار دېيىلسە، ھە دېسە ئېرىمىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىشىدىن ھۇزۇرلىنىپلا ئولتۇرماي، بەلگىلىك مۇددەتتە ئۇنىڭغىمۇ ياخشى مۇئامىلىسىنى «قايتۇرۇپ» بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن.
شياۋ ۋېي: ناۋادا شۇنداق بولغان بولسا، ئاجرىشىدىغانلار ئازايغان بولاتتى. ئىناۋەتنى ھەقىقەتەن مۇھىم بىلىدىغان مۇھەببەتتە بىر-بىرىنى ئالداش، يوشۇرۇش، ساداقەتسىزلىك بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا ئېرىشكەنلىرى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچىلىك قايتۇرۇپ بېرىش كېرەكتە! قايتۇرۇپ بولالمىسا ئاجراشقىلىمۇ بولمايدۇ.
ئاياللار پۇلنى ئاۋۋال خەجلىۋېتىپ، كېيىن پۇل تاپقاندا قايتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىناۋەت كارتىسىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. ئەمما ھېسسىياتقا نىسبەتەن ھېچكىم بەدىلىگە تۇشلۇق ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، چۈنكى ئادەملەر بەدەل تۆلەشكە قارىغاندا ئېرىشىشكە بەكرەك مايىل.
ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا ئىناۋەتكە دىققەت قىلسىڭىز، سەمىمىي بولسىڭىز تۇرمۇش چوقۇم گۈزەللىككە تولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، خۇددى ئىناۋەتلىك كارتىدىكى پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغاندا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلىگەندەك ھېسسىياتمۇ ھامان قاغجىراشقا باشلايدۇ.