شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى شېڭ يۈ خەۋەر قىلىدۇ: 5–ئاينىڭ 23–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2018–يىللىق ‹‹تىيانشان ئارزۇسى، خۇنەن–تۇرپان مۇھەببىتى››نى ئەكس ئەتتۈرگەن ‹‹خۇنەن–شىنجاڭ›› ناملىق مەخسۇس ساياھەت تېز پويىزى تۇرپانغا كەلدى.
700دىن ئارتۇق ساياھەتچى تۇرپانغا كېلىپ يارغول قەدىمىي شەھىرى، بۇيلۇق، كارىز، يالقۇنتاغ قاتارلىق تۇرپاننىڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلىپ، تۇرپاننىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.
بۇ كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ۋە ساياھەت كارخانىلىرى يارغول قەدىمىي شەھىرىدە بۇ يىلقى تۇنجى نۆۋەتلىك مەخسۇس ساياھەت تېز پويىزىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شوخ ئۇسسۇللار، چىرايلىق يىپەك شارپىلار... بۇ گۇزەل مەنزىرىلەر ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ساياھەتچىلەر بەس–بەستە سۈرەتكە چۈشۈپ، خاتىرە قالدۇردى. ساياھەتكە كەلگەن خۇ چياۋپىڭ مۇنداق دېدى: تۇرپانغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى ئويلايتتىم، بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى مېھماندوست، قىزغىن ئىكەن، مېۋە – چېۋىلىرىمۇ بەك تاتلىق ئىكەن، مەنزىرىسى ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن، بۈگۈن ئەتىگەن تۇرپانغا كەلگىنىمىزدە، چىرايلىق قىز–يىگىتلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بىزنى قارشى ئالغانلىقىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندۇق.
تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەن جىنچياڭ مۇنداق دېدى: 2018–يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك مەخسۇس ساياھەت پويىزىنىڭ تۇرپانغا كېلىشى، خۇنەنلىكلەرنىڭ تۇرپانغا ساياھەت قىلىش مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. خۇنەنلىكلەرنىڭ تۇرپانغا ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشى، خۇنەن–تۇرپاندىن ئىبارەت ئىككى جايدىكىلەرنىڭ ھېسسىيات ۋە ئالماشتۇرۇشىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ يىل خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇرپانغا نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى، شۇنداقلا تۇرپان شەھىرى بىلەن چاڭشا شەھىرىنىڭ دوستلۇق ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقى. ئىگىلىشىمچە، باش نىشاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خۇنەن ئۆلكىلىك ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە 2018–يىللىق ‹‹تىيانشان ئارزۇسى، خۇنەن–تۇرپان مۇھەببىتى›› خۇنەنلىكلەر تۇرپاننى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 46 نۆۋەت مەخسۇس ساياھەت پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى تۇرپانغا ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرغان.