تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىمىنجان زارى

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان باش جىنايەتچى؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى ‹‹قارا قول››، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى، ئۇلار يوقىتىلمىسا شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ.

   ئالاھىدە ۋەزىيەت زىممىمىزگە ئالاھىدە بۇرچنى يۈكلىدى، بىزنىڭ ئالاھىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىزنى سىنىماقتا. شىنجاڭدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنى پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى قوغداشتىكى پولات قوشۇن بولۇپلا قالماي، يەنە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم كۈچ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى پارتىيەنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاۋانگارت جەڭچى. پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سېپىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قوغداش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

   باش نىشاننى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، دانا، توغرا تەدبىر، ئۇنى سىجىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش شەرت. مەن سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول ئېتىقادىمنى باشتىن – ئاخىر چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى ھەقىقىي تۈردە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قەلبىمگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، زىممەمگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم – كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمەن.

   ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن. ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، كىرىزىس ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ھەر ۋاقىت كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 –  سېپىدە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ 1 – سېپىدە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىش، قاتتىق تەكشۈرۈشنىڭ 1 – سېپىدە، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ 1 – سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان سىياسىي جاسارەت ۋە مەسئۇلىيەت ئارقىلىق زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتكە بارلىقىنى بېغىشلايدىغان، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان سادىق جەڭچى بولىمەن.  

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، كۈچلۈك سىياسىي داغدۇغا شەكىللەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بۇ مەيدان ھەققانىي جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىشىمىز كېرەك. مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، ئۈلگە، باشلامچى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، ئاممىۋى خىزمەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق پايدىلىق شارائىتلاردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەربىر سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەرمىللەت ئاممىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە تەسىر كۆرسىتىمەن، ياخشى يېتەكلەيمەن، ھەرمىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، چىن قەلبىم بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ، باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە روھىنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزىمەن، بىخلاندۇرىمەن.

   نازارەتچىلىك قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، رېۋىزىيە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشتىن – ئاخىر يېتەكچى قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ نومۇسسىز يالغانچىلىقلىرىغا قەتئىي رەددىيە بېرىپ، مەنبەدىن تۈزەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، شۇنداقلا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلايمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئىجرا قىلىمەن، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە رېۋىزىيە قىلىش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ياخشى ئادا قىلىپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش شەمشىرى، تەكشۈرۈشنى چىڭىتىش شەمشىرى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي قېزىپ چىقىمەن، تازىلايمەن. پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى قەتئىي ئادا قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى