شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شۇ كۈندىن باشلاپ يىل ئاخىرىغىچە ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن-قائىدىلىرى، شۇنداقلا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆي-زېمىن كەسپىنى تىزگىنلەش نىشانىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، سالماقنى ئاجىزلاتماسلىق تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆي-زېمىن بازىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مەخسۇس تۈزەشتە ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى ۋە ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى نۇقتىلىق ئوبيېكت قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنىڭ يالغان ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرى ۋە ئېلانىنى تارقىتىش، باھاسى ئۆسىدىغان ئۇچۇرلارنى يالغاندىن ئويدۇرۇپ تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قەستەن كۆپتۈرۈش، ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆينى ساتماي تۇرۇۋېلىش ياكى باشقا ئۇسۇللاردا ئۆي مەنبەسىنى يىغىش قاتارلىق ناتوغرا تىجارەت قىلمىشلىرى كۈچەپ رەتلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ساختا ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرىنى تارقىتىش، ساختا باھا ئۇچۇرى ئېلانى چىقىرىپ ئىستېمالچىلارنى ئالداش؛ باھا ئۆسىدىغان ئۇچۇرلارنى يالغاندىن ئويدۇرۇش، ئۆي ساتقاندا سودا باھا پەرقى ئېلىش، ۋەكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن مەجبۇرىي تەمىنلەش، باشقا ھەقلەرنى زورلاپ قوشۇپ ئېلىش قاتارلىق ناتوغرا قىلمىشلىرى تۈزىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.