تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

  ئۆز مۇخبىرىمىز ليۇ جيې خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتونوم رايونىمىز 2018-يىللىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، ئاپتونوم رايوندىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاخىرلىشىدىكەن، 150 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى (قېتىم) توشۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل كۈزدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا يېڭىدىن بارىدىغان 13 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى توشۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ تاماملايدىكەن.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار ئىچكىرىدە شىنجاڭلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مۇلازىمەت قىلىش بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇشنىڭ ھالقىلىرىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئالاقىسى ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا بېرىش، مەكتەپكە قايتىشتا توشۇش جەريانىدىكى ھالقىلارغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ جايىدا ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش خىزمىتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى